"ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش" دېگەن ئۇيغۇر خەلقىغە مەجبۇرىي تېڭىلغان سىياسىي ھەرىكەت
2006.07.31
"شىنخۇا ئاگېنتلىقى"، "شىنجاڭ گېزىتى"، ئىقتىساد گېزىتى" قاتارلىق خىتايچە ئۇچۇر تارماقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش چوڭ يىغىنى" دەپ ئاتالغان بىر چوڭ يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇئەن غۇلجا شەھىرىدىكى سايبويى ئاھالىلار كومىتېتى قاتارلىق ئارمىيىنى سۆيۈش" بۇيىچە نەمۇنىچى ئورۇنلارغا، قادىر باقى قاتارلىق ئارمىيىنى سۆيۈش" ۋە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى" دېگەن شەخسىيلەرگە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ "خەلقنى سۆيۈش بۇيىچە نەمۇنىچى ئورۇن" دېگەن قىسىملىرىغا شەرەپ مۇكاپاتى بەرگەن. بۇ يىغىنغا لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ كومېسسارىمۇ كېلىپ قاتناشقان.
خىتاينىڭ ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ئۈچۈن 2 مىليارد 500 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق پۇل مەبلەغ سالغانلىقى؛ 3 مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەر -زېمىن ئاجرىتىپ بەرگەنلىكى؛ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ۋەزىپىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى؛ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن 60 مىڭىدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى؛ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىم خادىملىرىنىڭ بالىلىرىدىن 110 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى دەپ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ مەدھىيىلىگەن.
باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە سىياسىي تۈس بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا سىياسىي خىزمەت كادىرلىرى دۆلەت پۇقرالىرىغا يېپىشقان پارازىتلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈلگىسىنىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىي تەشۋىقات ئوبيېكتى قىلماقتا
- د ئۇ ق: شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرقى شارائىتتا خىتاي بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس
- خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
- قادىر باقىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- ئامېرىكىلىقلار بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتامدۇ؟
- خىتاي ھۆكۈمىتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقى" تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە