ئالماتادىكى ئۇيغۇر جامائىتى بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 17 ‏يىللىقىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردىنى رىياسەتچىلىكىدە 5 ‏- ئاپرىل كۈنى يىغىن ئېچىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 17 يىللىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم ئوفىتسېرلىرى سۆز قىلدى.