ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا رىمونت قىلىنماقتا


2005.08.02

ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى 2005 - يىل 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، فىلورىدا شىتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بازىسىدىن ئۇچۇرۇلغان ئىدى.

"بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى يەر يۈزىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ پەن - ئىلىم بويىچە يېڭى سىرلارنى بايقاشقا بولغان ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ھالدا يۈز بەرگەن بىر ھادىسە سەۋەبىدىن پەيدا بولغان دۇنيانىڭ غەم -قايغۇسىنىمۇ، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.

"بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى ئەسلى پىلان بويىچە 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئالەم بوشلىقىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئېلىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك. ئەمما ئۇ ھازىر ئالەم پونكىتىدا رىمونت قىلىنىۋاتىدۇ.

"بايقاش" نى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى 3 - قېتىم رىمونت قىلىشقا باشلىدى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم پونكىتىغا تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىش پىلانلانغان ئىدى. شۇنداقلا، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇنىڭدىكى يېڭى ئۈسكۈنىلەردىن ئالەم بوشلىقىدا تېخىمۇ يېڭى سىرلارنى بايقاشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىدە مەلۇم مېخانىكىلىق چاتاق بارلىقى ئېنىقلانغاچقا، ئۇ ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلۈپ، ئاخىر 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئاندىن ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقۇزۇلدى.

بۇ قېتىممۇ، "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىدىن ئالەمگە قاراپ كۆتۈرۈلۈش جەريانىدا، ئۇنىڭدىكى ئىسسىقلىق ئۆتۈشىنى توسايدىغان پارچىلار زەمىلەنگەنلىكى ھەققىدىكى رەسىملىك ئۇچۇرلارنى، ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 3 دانە فوتو ئاپپاراتى ئالىملارغا ئېنىق خەۋەر قىلدى. گەرچە "بايقاش"نىڭ مەلۇم پارچىلىرى زەخمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئالەم بوشلىقىغا ھامان سالامەت يېتىپ چىقتى. ئۇچقۇچىلارنى ۋە قاچىلانغان يۈكلەرنى ئالەم پونكىتىغا يەتكۈزدى.

ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى بۇ قېتىمقى "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ، خۇددى 2003 - يىلى 2 - ئايدا ئالەم بوشلىقىغا چىقىپ قايتىپ كېلىشتە، ئىسسىقلىقنى توسايدىغان پارچىلىرى بۇزۇلغانلىقتىن پاچاقلىنىپ كەتكەن "كولۇمبىيا" ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش پاجىئەگە ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. ھازىر "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەرىپىدىن 3 - قېتىم ئالەمدە مۇئەللەق تۇرۇپ رىمونت قىلىنىشقا باشلىدى. بۇنداق رىمونت قىلىش بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىگە قازا تىلەيدۇ؟

7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى "بوشۈن" تور بېتىدە "خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نېمە ئۈچۈن "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىگە قازا تىلەيدۇ؟" سەرلەۋھىلىك بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بېيجىڭدە چىقىدىغان "بېيجىڭ ياشلىرى" ، "قانۇن گېزىتى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى "بايقاش" پارچىلانماقتائ، "بايقاش" بارسا كەلمەسكە كەتتى" دېگەندەك ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى، - دەيدۇ بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى لى چاڭيۈ ئەپەندى، - بۇ ماقالىلەردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىپادىلەنگەن، بۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيمەن !

ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىدىن ئالەمگە قاراپ كۆتۈرۈلگەندە، -دەيدۇ ئاپتور، - خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاڭلىتىشى دۇنيادىكى باشقا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىدىكى تەلەپپۇزغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى باشقا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭغا قازا كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە بىر ئايال رىياسەتچى بىلەن خىتاينىڭ يەنە ئىككى نەپەر ئالەم مۇتەخەسسىسى ئولتۇرغان ئىدى. ئايال رىياسەتچى ئاڭلىتىشنى "جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن، ئالقىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەن ئىدى" دەپ باشلاپ، بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن "نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ھازىر ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ چىقتى" دېگەندىن كېيىنلا، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇتەخەسسىسلىرى سۆزلەشكە باشلىدى.

ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسگە قارىتا بىرەر خەيرلىك سۆز، ئاپىرىن، مەدھىيە ياكى ئۈمىد تۈسى چىقمىدى. بەلكى ئۇلار "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسىدىن "چەكسىز ئەندىشە" قىلىۋاتقانلىقىنى تەكرار - تەكرار ئىپادىلىدى. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنى بوي سۇندۇرۇش تارىخىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا گاگارىن ئاسمانغا چىقاندىن تارتىپ، تاكى خىتايدىن ياڭ لىۋېي ئاسمانغا چىققانغىچە بولغان ئاتالمىش دەۋر بۆلگۈچ كونا كۈرۈنۈشلەرنى تېلېۋىزىيە ئىكرانىدا بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ تۇردى. ئالەم بوشلۇقى ئىلمىدە خىتاينىڭ تېخى كۆپ ئارقىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئېيتىشتىن باش تارتىۋاتقان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ھېچ نومۇس قىلماستىن تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى چۈشىنىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يېڭى سىرلارنى ئاچقانلىقىغا ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ "كولۇمبىيا" ناملىق ئالەم كېمىسى ھادىسىگە ئۇچراپ پاچاقلانغان ۋەقەنى ۋە بۇ قېتىمقى "بايقاش" ناملىق بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ تەننەرقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكرار - تەكرار سۆزلەپ تۇردى.

- خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىر - بىرىگە دۈشمەن دۆلەتلەر ئەمەس، - دەيدۇ ئاپتور مۇلاھىزىسىدە، - ھازىر ئۇرۇشىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئەمەس، ئەمما نېمە ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئامېرىكىغا ئالاقىدار خەۋەرلا بولسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇ قەدەر جىددىيلىشىدۇ ۋە شۇ قەدەر دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ "بايقاش" ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا رىمونت قىلىنىپ، ۋەزىپىلىرىنى تولۇق تاماملاپ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ سۇئاللار ھەرگىز جاۋابسىز قالمايدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.