ب د ت ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ


2005.08.24

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلاددە ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك، بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا شەھەرلىرى، تىبەتنىڭ لخاسا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە جىنەن شەھەرلىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

مانفرىد نوۋاكنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يۇقىرىقى رايونلاردىكى تۈرمىلەرنى ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە مەھبۇسلار بىلەن خالى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىدىن گۇمان قىلغۇچىلار، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنۇئىپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

تۇنجى قېتىملىق زىيارەت

مەسىلىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەپ، خىتايدا ئىدارە - ئورگانلار ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، تۈرمە ساقچىلىرىغا ئەگەر ئۇلار مەھبۇسلارنى قىينىسا ياكى كەمسىتسە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىدۇر.

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە پەۋقۇلاددە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرقى رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر نوۋاكنىڭ زىيارىتى توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ب د ت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىشى شۇنداقلا ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى بولۇپ قالىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مەھبۇسلار مەسىلىسىدىن جىددى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

مانفرىد نوۋاك: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلغانلىقىغا خۇرسەنمەن

نوۋاكنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتى 21 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ باشلىرىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خالىغان تۈرمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئۇ، بەزى خاس دىلولار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مانفرىد نوۋاك مۇنداق دەيدۇ:

" ئىلگىرى مېنىڭ ۋەزىپەمدىكى ئەمەلدار خىتاينى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. بۇ ب د ت نىڭ تان جازاسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل پەۋقۇلاددە ئەلچىسىنىڭ ئادەتتىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. بىراق بۇ زىيارەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك سۆھبەتلەردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش نىشانلىرىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن خۇرسەنمەن. بۇ دېگەنلىك مەن ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ئۆزەم خالىغان تۈرمىنى شۇنداقلا تۈرمىدىكى ھەرقانداق بىر مەھبۇس بىلەن خالى سۆھبەت ئېلىپ بارالامەن دېگەنلىكتۇر. مەن يەنە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرمىلەرنى تەكشۈرەلەيمەن. ئەپسۇسكى خىتاي بولسا زېمىنى چوڭ دۆلەت. مېنىڭ زىيارەت سەپىرىم ئىككى ھەپتىلىك. شۇڭا ساناقلىق بىر قانچە تۈرمىنى تەكشۈرەلىشىم مۇمكىن."

سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ساناقلىق رايوننىڭ بىرى

مانفرىد نوۋاكنىڭ تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە، ئۇ ئالدى بىلەن بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى تۈرمىلەرنى تەكشۈرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۇنيا بويىچە سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بېرىش بىلەن داڭ چىقارغان ساناقلىق رايونلارنىڭ بىرى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلار ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان. ئۆتكەن ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە مانفرىد نوۋاكتىن ئىلگىرىكى پەۋقۇللادە ئەمەلدارى تيو ۋەن بوۋېن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈشىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

مانفىد نوۋاكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېرىشكەن بىرىنچى قول ماتىرياللارغا ئاساسەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دوكلات ھازىرلاشقا تىرىشىدىكەن. نوۋاك مۇنداق دەيدۇ: " ئىككى ھەپتىلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئاخىرلاشۋاندىن كېيىن، مەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشيىغىنى چاقىرىپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇمات بېرىمەن. كېلەر يىلى باھاردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى سۇنىمىز".

تەن جازاسى بېرىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ب د ت تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان مەھبۇسلاردىن، كېيىن ئۆچ ئالمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ باققان مەھبۇسلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەدىسىگە يەڭگىللىك بىلەن ئىشەنگىلى بولمايدىكەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە مەھبۇسلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىشنى ئەيىبلەپ، سوت ۋە تەپتىش دائىرىلىرىنى جاۋابكارلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلغاندا زىيادە قەتئىي بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرسىمۇ، ئەمما كۈزەتكۈچىلەر مەھبۇسلارنى تەن جازاسى بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئىقرارى بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئىستىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇھىم

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مارك ئەللىسېننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: " مەسىلىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى سەۋەپ، خىتايدا ئىدارە - ئورگانلار ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، تۈرمە ساقچىلىرىغا ئەگەر ئۇلار مەھبۇسلارنى قىينىسا ياكى كەمسىتسە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىدۇر."

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا، ئالى تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە دۆلەت خادىملىرىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، تەن جازاسى بېرىش، مەھبۇسلارنى كەمسىتىش كىشىلىك قىلمىشلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش پائالىيىتى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا تەكىتلىشىچە، خىتايدا مەملىكەت بويىچە 90 ٪ تىن ئارتۇق تۈرمە، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى ۋە نۆۋەتچى خادىملارنىڭ لاياقىتى ئۆلچەمگە توشۇدىكەن شۇنداقلا مەھبۇسلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى قوغدالماقتىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا قىسمەن يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.