ۋۇ خۇڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندا جەمئىيىتى" نىڭ باشلىقى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى خىتايدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈم ھەققىدە ماقالىلار ئېلان قىلغان. ئۇ " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېگەنلىك مەخبۇسلارنى قۇلنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي يۇيۇش دېگەنلىك. خىتايدا بۇ خىل تۈزۈم يوقالمىغىچە دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى.

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدىلا مەۋجۇت

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "خىتايدىكى بۇ خىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈم پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۈت ھەتتا تېخىمۇ ۋەخشى ھالدا ئىجرا قىلىنىماقتا " دەپ تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىنىڭ مەزكۇر جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. چۈنكى بۇ شۇ يەرنىڭ شارائىتىگە باغلىق بولغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ئىجتىمائىي قۇرۇلما خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سىياسىي قۇرۇلمىغا سېلىشتۇرۇلغاندا كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ھېچقانداق جايىدا بولمىغان ھەتتا تىبەتتىمۇ يوق بولغان ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېگەن بىر تەشكىلات بار. ھازىر بۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئادەم نوپۇسى 3 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن زور ھەربى ۋە سىياسىي كۈچكە ئىگە شۇنداقلا مىليونلىغان كۆمۈر كان، تاشيول، سودا سانائەت ۋە ئېتىز - ئېرىقلارنى كونترول قىلىپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىمۇ شۇنىڭ كونترولى ئاستىدا بولغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى ئى ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، تۆتىنچى قاتارلىق ھەممىلا پولىكلىرىدە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى :

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەقسىتى

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى :

" ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى خىتايلارنى، بۇلۇپمۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان قۇرالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە تەسلىم بولغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى مەزكۇر جايغا ئەكىلىپ، ئۇلارنى ئەمگەككە سېلىپ، بوز يەر ئاچقۇزۇپ، ئەمگەك ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. كېيىن بۇ يەرگە خېنەن، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىن نامرات دېھقانلارنى ئەكەلگەن. 60 - يىللارغا بارغاندا، نۇرغۇن ياشلارنى يېزىلارغا بېرىپ قايتا تەربىيە ئېلىش دېگەن نام بىلەن يۆتكەپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى كېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغانلار بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ ئىنىممىڭ مەزكۈر جايدا تۇرۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئەكسىل ئىنقىلاپچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىدىن. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ 90% خىتاي مىللىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكمۇ ناچار. يەنە كېلىپ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۈرمىدىكى ۋە شۇنداقلا تۈرمىدىن چىققان مەخبۇسلارنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە پالايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىتىپاقلىشىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن بۇ جايدىكى خىتاي مىللىتىنى كونترول قىلپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۇزىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ،يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتىنى باشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى بىر چوڭ تۈرمە دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن مەن ئەينى چاغدا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تارىپ دەرياسى ئەتىراپىغاجايلاشقان دىھقانچىلىق 1 ‏- دىۋىزىيە 14 - پولىكىنىڭ ئۆزى پۈتۈنلەي بىر چوڭ تۈرمە ئىدى. دېمەكچى بولغىنىم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى پۈتۈنلەي فاشىسلاشقان بىر ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى 1989 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنى مىسالغا ئېلىپ، " مەزكۇر ۋەقەدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا تىك ئۇچار ئايرۇپىلان، ئەسكەر ۋە قۇراللىق ساقچىلارنى ئەۋەتىشتىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىمۇ ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئادەم تۇتۇش، يول توساش ۋە قانلىق باستۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا سالغان " دەپ بىلدۈردى

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە " ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر مەخبۇسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان ھەمدە بۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى مىللى بۆلگۈنچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك ھازىر بۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈرمىلىرى مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان بىر سىياسىي قورالغا ئايلاندى " دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)