خىتاي ئىچىدە مەخپىي قۇرۇلغان جۇڭخۇا مىللى ئازادلىق بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى لى چىكې ئەپەندى يېقىندا، ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىۋاتقان "ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر قىسىمنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر جايدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۈەن ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
لى چىكې ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېمە ئۈچۈن بىڭتۈەننى قۇرغانلىقى، بىڭتۈەندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشنى ئويلىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يول قويماۋاتقانلىقىنى ۋە قەلبى نەپرەتكە توشقان بىڭتۈەن خەلقىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل بىڭتۈەندە ئىشلىگەن، ھازىر مالايشىيادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىڭتۈەندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئوخشاش ئەمەسلىكى ۋە بىڭتۈەن خادىملىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.