بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى تەنقىدكە ئۇچرىدى


2007-02-20
Share

wanlequan.jpg
ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى بولۇپلا قالماي، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ۋە بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى. AFP

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يېقىندا چاقىرىلغان "مەركەزنىڭ بىڭتۇەنگە قاراتقان باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش" يىغىنىدا، بىر قىسىم بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بىڭتۇەن سىياسىي كوممىسارى نىئې ۋېيگو تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن. نيې ۋېيگو بىر قىسىم بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا، دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپ قىلمىشلىرى تۈپەيلى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىشلىرىنىڭمۇ ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ "شىنجاڭنى ئېچىپ چېگرانى قوغداش مەركەزنىڭ بىڭتۇەنگە تاپشۇرغان سىياسىي ۋەزىپىسى، بىراق بىر قىسىم بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ ئىدىيىسى ھەم خىزمەت ئىستىلىدىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلى خەلقنى نارازى قىلىدىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ مەنپەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆپ كۈرۈلمەكتە، بۇ ھەقتە خەلقنىڭ ئىنكاسلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنداق كادىرلار ھوشۇنى يىغىشى كېرەك " دەپ جىددىي تەكىتلىگەن.

نيې ۋېيگو بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن تاقاشماسلىق پرىنسىپى بۇيىچە ئىلگىرلىشى كېرەكلىنى تەكىتلەپ يەنە " بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ ئاخىرى، يول يوق، توك يوق چەت يىراق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 70 - يىللاردىكى بىڭتۇەن بۇ جايلاردا ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ھەم بەرپا قىلغان ئىگىلىكىنى يەرلىك خەلقنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ ئىقتىسادى جەھەتتىكى مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچكەننىڭ بەدىلىگە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلغان ئىدى" دەپ مىسال كۆرسەتكەن.

گەرچە بىڭتۇەن خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن مەزكۇر خەۋەردە بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىڭتۇەن كادىرلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ، مەركىزى بېيجىڭنىمۇ نارازى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا بۇ ھەقتە مەركەزنىڭ بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەم ئورنىنى ئالغۇسىز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە يوليورۇقلار يەتكۈزۈلگەن.

مەسىلە چىققان كادىرلار ئاساسەن ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە چېتىلماقتا

خىتاي قانۇن تورىدا ئىلگىرى بىڭتۇەننىڭ قانۇنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2004 - ۋە 2005 - ئىككى يىل ئىچىدە بىڭتۇەن ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر دەرىجىدە پارىخورلۇق ھەم خىيانەتچىلىك قىلىش قىلمىشىغا دائىر 507 دېلونى ئېنىقلىغان. 194 نەپەر كادىرغا چارە كۆرگەن.

بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ھازىرلا ئېغىر بولۇپ قالماي ئىلگىرىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىدى. گەرچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش ھەمدە يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ ئوبرازى، سىياسىي تەسىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەمدە خەلق نارازىلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ بۇ خىلدىكى بىڭتۇەننىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ مەسىلە ئالاھىدە ئېغىر بولغانلىقىدىن بەزى مەنبەئەلەردىن يەنىلا بۇ خىل قاراڭغۇلۇققا چۆكتۈرۈلگەن مەلۇماتلار ئاشكارىلىنىپ چىقماقتا.

يەنى 2000 - يىلى خىتايدىكى چېتىشلىق ئادەم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت كادىرلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىش دېلوسى دەپ خىتاي مەتبۇئاتىقا پۇر كەتكەن دېلومۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا جايلاشقان بىڭتۇەندە يۈز بەرگەن ئىدى. يەنى بىڭتۇەن 7 - دېۋىزىيىسىنىڭ ئەمگەك مۇلازىمىتىگە مەسئۇل كادىرلىرىدىن ما شاۋلى، بو چاڭ قاتارلىق يىگىرمە نەچچە دۆلەت كادىرى، دۆلەتنىڭ مېيىپ ئاجىز، پېنسىيىگە چىققان، قۇتقۇزۇشقا مۇھتاجلارغا ئاجراتقان مەبلىغىگە قارا قولىنى تىقىپ، ھوقوق سېتىۋىلىش، خىيانەتچىلىك قىلىش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ پاش بولغان.

مەركىزى بېيجىڭ بىڭتۇەننى قانداق جايلارغا ئورۇنلاشتۇردى

" مەركەز بىڭتۇەننى شىنجاڭنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ ئاخىرى، يول يوق، توك يوق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ شىنجاڭنى ئېچىش ۋە غەربى چېگرانى ياخشى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان" دېگەن جۈملە بىڭتۇەننىڭ ئاساسلىق شۇئارىنىڭ بىرى. ئەمەليەتتە بولسا بىڭتۇەنلەرنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇرۇپتىكى، بىڭتۇەن پولكلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ مەنبەسىنىڭ بېشى، مۇنبەت جايلىرىغا ئورۇنلاشقان.

چۈنكى بىڭتۇەن تارىخىغا قارايدىغان بولساق، 1954 - يىلى 10 - ئايدا، بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھەربىي رايون گېنېرالى ۋاڭ جېن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 175 مىڭ ئەسكىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى نامىدا بىراقلا ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىڭتۇەننىڭ دەسلەپكى قوشۇنىنى شەكىللەندۈردى.

ئارىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىڭتۇەن خىتايلىرىنىڭ نوپۇسى كۆچمە نوپۇسنى ھېسابلىمىغاندا ئىككى يېرىم مىليوندىن ئاشتى. ئۇلار 14 دېۋىزىيە 185 ئىشلەپچىقىرىش پولكلىرىغا تارقالغان. بۇنچە كۆپ كۈچمەننىڭ ياشىشى، ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇلارغا سۇ ھەم تۇپراق كېرەك ئەلۋەتتە، بىڭتۇەننىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق دەريا‏ - ئېقىن، سۇ مەنبەلىرىنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇلار جەنۇبتا تارىم، كۆنچى، قەشقەر، يەكەن، يورۇڭقاش، خوتەن، كېرىيە، قايدۇ دەريالىرىنىڭ يۇقىرى غول ئېقىمى ھەمدە باشقا تارماق دەريالارنىڭ قېنىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان. شىمالدا، ئىلى، ئېرتىش، ماناس، ئۇلۇنگۇر دەريا ۋادىلىرىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان.

بىڭتۇەن ئورۇنلاشقاندىن بۇيان يەرلىك دېھقانلار بىلەن سۇ تالىشىش ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا. شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ قالايمىقان يەر ئېچىشى، سۇ مەنبەلىرىدىن پىلانسىز، ھەددىدىن زىيادە پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن، دەريا كۆللەر قۇرۇش، تۇپراق قۇملىشىشقا ئوخشاش تۈرلۈك ئېكولوگىيە مەسىلىلىرى كۆرۈلمەكتە.

بىڭتۇەننىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەن ئىشچى ‏- دېھقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 6000 يۇەنگە، شەھەر ‏- بازار نوپۇسىنىڭ بولسا 8353 يۇەنگە يەتكەن. ئەمما يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغىنى بويىچىمۇ تېخى ئىككى مىڭ يۇەنگە يەتمىدى. يەرلىك رايونلارنىڭ توك ۋە رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە بىلەن قاپلىنىشى 60 % كىمۇ يەتمىدى، ئەمما بىڭتۇەننىڭ بولسا 2005 يىلىلا 90% كە يەتكەن.

بىڭتۇەن يەنە كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە دېھقانچىلىقنى 80% كىچە پەن تېخنىكىلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىڭتۇەن دېھقانلىرى ئاساسەن ئىقتىسادىي زىرائەت ھەمدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئەمما يەرلىك خەلق بولسا پەقەت دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشلىق ياكى پاختا ئىشلەپچىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىرغا قەدەر قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.

نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ پەرق كۆرىلىدۇ؟ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىڭتۇەن مەنپەئىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىنماقتا. سىياسىي ئىقتىسادىي، قانۇنىي ھەم باشقا ھەر جەھەتلەردىن بىڭتۇەن ئەمەليەتتە يەرلىك خەلقنىڭ بارلىقىنى مونوپۇل قىلماقتا.

بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇتلىقى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىددىيەتلىك

بەزى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ يەرلىرى بارغانچە بىڭتۇەن يەر مەيدانلىرىغا قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، يەردىن ئايرىلغان دېھقانلار خىتايلارغا مەدىكار بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. ھەتتا بىڭتۇەندە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھاشار ھەمدە پاختا تېرىش ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلانماقتا ئىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھەمدە ئىنسانى ھوقوقلىرى بىڭتۇەن خىتايلىرى ھەم كادىرلىرى تەرىپىدىن ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىماقتا.

تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دەريا ئېقىنىنىڭ بېشىغا جايلاشقان 1 ‏- دېۋىزىيە 6 ‏- پولكىنىڭ بىر نەپەر سۇ باشقۇرۇش كادىرىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن، بىڭتۇەننىڭ مەنپەئەتىنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بىڭتۇەننىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانىدا ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدىغىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چېگرانى قوغداپ خىتاينىڭ پۈتۈنلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان بارلىق قارشى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىنى قوغداش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش. ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ياكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش تەكىتلەنمەيدۇ. پەقەت يۈزەكى ھالدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەرمىللەت ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش دېگەنلەر يېزىلغان.

شۇڭىمۇ بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ مەركىزى بېيجىڭنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئالاھىدە قوشۇن يەرلىك خەلقنى ھۆرمەت قىلغان ئەمەس. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان پارىخور، خىيانەتچى كادىرلارنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى ئويلىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس " دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت