بىڭتۇەندە كادىرلارنى شاللاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ قانۇن سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن كادىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە بولغان نازارەتنى چىڭىتىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى ئېلان قىلماقتا. ئۆتكەن ھەپتە بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى بىڭتۇەننىڭ بىر قىسىم كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنلىيالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەندە كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى تۈزىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇنىڭ بىڭتۇەندە نۆۋەتتە ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.