ئامېرىكىدىكى 'يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى' نيۇيورك شەھىرىدە چاغان بايرىمى ئۈچۈن خىتاي ئەنئەنىلىرى بويىچە سەنئەت كېچىلىكى پىلانلىغان. خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولسا ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئوخشاش ئورۇن ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەييارلاتقان سەنئەت نومۇرلىرى ئىچىدىكى 'بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش' دېگەن نومۇر جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان.
خەلقنى يىرگەندۈرگەن ناخشا
فالۇنگوڭ تەشكىلاتلىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىگە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئەرز سۇنغان. "ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ قېتىم نيۇيورك شەھىرىدە سەھنىگە ئېلىپ چىققان 'بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش' دېگەن سەنئەت نومۇرى خىتايدا 1990 -يىللاردىن باشلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان ناخشا. خەلققە قانلىق قىرغىنچىلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەييارلاتقان ناخشا. خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلغان فالۇنگوڭچىلارنى تۈرمىلەردە قىيىن -قىستاققا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە تەڭ ئېيتىشقا مەجبۇرلىغان ناخشا.
ھازىر نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوبزور ئېلان قىلدى. لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 -يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلقنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا ئۇنى ئەيىبلەش ۋە ھەرخىل شەكىل بىلەن جازالاشقا باشلىغان ئىدى. شۇ يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە قانلىق ۋەقەلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ناھايىتى كۆپ كۈچ ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلغان. 'تەڭ ئېيتىدىغان بىر ناخشا' شۇ ۋاقىتتا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلغان. بۇ ناخشىدىكى 'قىزىل گۈللەر مۇساپىمىزنىڭ شاھىتى' ، 'بىكار كەتكۈزمەيمىز شىرىن چۈشتىكى پۇرسەتنى' دېگەندەك مىسرالاردىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى قاتتىق يىرگەنگەن ئىدى. چۈنكى خەلق خىتاي كوممۇنىستىك پارتيىئىسنىڭ دىكتاتورىسى ئاستىدا مېڭىپ كېلىۋاتقان مۇساپە قانغا بويالغان مۇساپە، قىزىل گۈلگە تولغان مۇساپە ئەمەس ئىدى. خەلقنىڭ كۆرگىنى شىرىن چۈش ئەمەس، بەلكى خەلقنى خۇددى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدەك قارا بېسىپ تۇراتتى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى فالۇنگوڭنى باستۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، تۇتقۇن قىلغان فالۇنگوڭچىلارنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ تۇرۇپ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە شۇ ناخشىنى تەڭ ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىرلىكسەپ سىياسىتى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 60 نەچچە يىل بۇرۇن، ماۋزېدوڭ يەنئەندە ئېچىلغان ئەدەبىيات -سەنئەت يىغىنىدا "ئەدەبىيات- سەنئەتنى ئىنقىلاب ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇزۇپ، ئۇنى خەلقنى تەربىيىلەپ دۈشمەنلىرىمىزنى يوقىتىدىغان قورالغا، يەنى ھەممە ئادەم تەڭ ئېيتىدىغان بىر ناخشىغا ئايلاندۇرىمىز" دېگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 'بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش' خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرلىكسەپ سىياسىتى بولۇپ كەلمەكتە.
چەتئەللەردە خىتاي ئەھلى ئۆزىنى 'تاڭلىقلار' دەپ ئاتايدۇ، خۇددى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلغاندەك 'خەنزۇ' دەپ ئاتىمايدۇ. ئۇلار قۇرغان يېڭى تاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ قېتىمقى 'بىر ناخشا' ھەرىكىتى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ماۋ زېدوڭچە كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىلىنغان. دېمەك، ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا خىتايلارنى، تەيۋەنلىكلەرنىمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. (تۈگىدى)