ئامېرىكا- ياپونىيە بىخەتەرلىك قوشما باياناتى -تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن


2005.02.22

ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىم ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامىسفېلد ئەپەندى ياپونىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوبۇتاكا ماكىمۇرا ئەپەندى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى يوشىنورى ئوھنو ئەپەندى، 2005 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر بۇيىچە قوشما بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

< باياناتنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئىتتىپاق تۈزۈش

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كەلگەن 10 ماددىلىق قوشما باياناتنىڭ تۇلۇق تېكىستى بېسىلغان "كۆزۈتۈش" ژورنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ قوشما باياناتنىڭ مەركىزى نوقتىسى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئىتتىپاق تۈزۈش، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىقتىسادى گۈللەپ ياشنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، رايون دائىرىلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق تىنچلىقنى ۋە تۇراقلىقىنى كۇچايتىشتىن ئىبارەت.

بۇ قوشما باياناتتا يەنە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، قارشى دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، شىمالى كورىيىنى شەرتسىز ھالدا ئاتوم قوراللىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سۆھبىتىگە ئېلىپ كېلىپ، پۈتۈن كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارالىق تېررورىزمنى ۋە يادرو قوراللارنىڭ تارىلىپ كېتىشىنى توسۇش، خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقىنى ئۇچۇق - يورۇق قىلىش، رۇسىيىنى ئاسىيا - تىنچلىق ئوكيان رايونىدا مۇھىم رول ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ياپونىيىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت سالاھىتىگە يەتكۈزۈش، خەلقئارادا تېرورچىلىقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆز قاراش بىرلىكى ھاسىل بولغانلىقى جازالانغان.

كوڭ چۇەن: تەيۋەن جوڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

"ئاسىيا مالىيە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك قوشما باياناتىدا تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ "ئورتاق ئىستراتېگىيىلىك نىشانى" دەپ جاكارلانغانلىقىغا، خىتاينى تەيۋەن ئارىلىغا قارىتا 600 دانە باشقۇرىلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى، دەپ ئەيىبلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ "ھەربىي مۇددىئاسى ئۇچۇق - يورۇق بۇلۇشى كېرەك" تەكىتلىگەنلىكىگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن ئەپەندى نارازىلىق بىلدۈرۈپ "تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. 1949 - يىلى، خىتايدىكى گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچكى ئۇرۇشتا خەلقتىن ئايرىلىپ قېچىپ بۇ ئارالنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، بۇ ئارال قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. خىتاي بۇ باياناتتا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان كۆز قاراشلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزلىرى بېيجىڭنىڭ "بىر جوڭگو" سىياسىتىگە قوشۇلۇپ بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك" دېگەن.

تەيۋەنگە قارىتىلغان "قىزىل تېررورلۇق"

"دۇنيا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭنىڭ "دۆلەتنىڭ بۆلۈنىشىگە قارشى تۇرۇش" ئۈچۈن تۈزمەكچى بولغان قانۇنى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئاساسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ، تەيۋەندىكى چېن شۇيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھالدا "قوشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" تۈزۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بېيجىڭنىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تۈزۈش ھەرىكىتى، ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ، تەلتۆكۈس "قىزىل تېررورلۇق".

تەيۋەنگە چېقىلىش -- ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە چېقىلغانلىق

تەيۋەندە چىقىدىغان "خىتاي ۋاقىت گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە جاكارلىغان قوشما بايانات - خىتايغا تەيۋەنگە قارىتا ھەربىي تەۋەككۇلچىلىك قىلىشتىن قول ئۈزۈش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ توراقلىقلىقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تەيۋەننىڭ كۆپ سانلىق قانۇن پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆزىنىڭ ئورتاق نىشانى قىلغانلىقى تەيۋەننىڭ مەپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ قارايدۇ. كوممۇنىست خىتاي 1996 - يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەندىسىگە ۋارسلىق قىلىپ چوڭ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك كىلىشىمىنى تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن قىلىپ نىشانلىغاندىن كېيىن، 1997 - يىلى، ئامېرىكا - ياپونىيە بۇرۇنقى بىخەتەرلىك كىشىلىمىگە قايتىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ "تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى جايلاردا ھەربىي ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇ ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كىلىشىمىگە قارىتىلغانلىق بولىدۇ" دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك قوشما باياناتىنى يەنە كوممۇنىست خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تۈزمەكچى بولغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.