ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نىغا ئىنكاس بىلدۈردى


2005.03.15

غەرب مەتبۇئاتلىرى، ياۋرۇپا بىرلىكى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ، خىتاينىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر باياناتتا، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ ھەرقانداق شەكىلدە تەيۋەنگە قارىتا قورال ئىشلىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بېيجىڭ بىلەن تەيبېي ئارىسىدا چوقۇم دىئالوگ ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى جىددىلەشتۇرۇشكە بولمايدۇ

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئوخشاشلا، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قەتئى تۈردە بېيجىڭ بىلەن تەيبېي ئوتتۇرىسىدا قورال توقۇنۇشى يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرگىزمۇ تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھالىتىنى جىددىلەشتۈرىدىغان بىر ھەرىكەتتە بولماسلىقىنى تەشەببۈس قىلدى.

ياۋرۇپا بىرلىكى باياناتىدا يەنە، "بىر جوڭگو پىرىنسىپى" دا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق تەيۋەن بوغىزى ئىككى قىرغىقىنىڭ چوقۇم تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىختىلاپلارنى يوقۇتۇشىنى، پەقەت مۇشۇ خىل يول بىلەنلا ئىككى قىرغاق مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېنچلىقتىن ھالقىغان مەزكۇر قانۇنى لايىھىسىنىڭ، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتايغا چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال سېتىلمايدۇ

گەرچە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق سۆز ئىبارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لاھىيىسى" يەنىلا يۇقىرىدا تەكىتلەنگەن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسى ئۈچۈن كۆلەڭگە چۈشۈرىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ياۋرۇپا بىرلىكى كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنى سەۋەبىدىن، ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، خىتايغىمۇ ھېچقاچان چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي تېخنىكا ۋە قوراللارنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ياۋرۇپا بىرلىكىنى، قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە : " تەيۋەن بوغىزى ئىككى قىرغىقىنىڭ خەتەرلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك" دېدى.

خىتاي قىلىچ ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى

سەيشەنبە كۈنى فرانسىيىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلار، خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقنى تەشەببۈس قىلغان ماقالىلارنى ئېلان قىلدى. فرانسىيىدە چىقىدىغان "ئارساس" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوبزوردا، "بېيجىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، خىتاي نۆۋەتتە ئىقتىسادىي بۆسۈش ۋە پۈتۈن يەر شارىدىكى بازارنى ئىگىلىۋىلىش قەدىمى بىلەنمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى باسالمايۋاتىدۇ، شۇڭا قىلىچ ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىۋاتىدۇ" دېيىلگەن.

رۇسىيىنىڭ ئەندىشىسى

بۇ ئارىدا، رۇسىيدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ، خىتاينىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" گە قەتئى قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ زېمىن ۋە چېگرا مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئوقۇتۇش ماتىرىياللىرىدا ئەينى زاماندا چار رۇسىيىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتاي زىمىنىنى بېسىۋالغانلىقىغا ئائىت تارىخى زىددىيەتلەر تا ھازىرغا قەدەر تىلغا ئىلىنماقتا ئىكەن.

شۇڭا رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى " خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ، نەزىرىنى يىراق شەرققە يەنى سىبىرىيىگە قارىتىدۇ، ئۇ چاغدا خىتاي رۇسىيىگە ھەقىقى تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا تەيۋەن مەسىلىسى بىر تەرەپ بولمىغان شارائىتتا رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ" دىيىشمەكتە.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.