0:00 / 0:00
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى.
ئەنقەرەدىكى ياۋرو –ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە تۈركىيىدىكى سىياسىي ئەرباب مۇھەممەت ئىمىن ھەزرەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.