ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر
2005.11.14

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاسىيا زىيارىتىدىكى تۈنجى بېكىتى ياپونىيە. ئۇ توكيودا ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن سودا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى جەنۇبىي كورىيىنىڭ باسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ يىغىندا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەشكە كۈچ چىقىرىشقا، قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تەييارلىق كۆرۈشكە ۋە شۇنداقلا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرىدۇ.
جورج بۇشنىڭ ئارقىدىن خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى نۇرغۇنلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى تارتماقتا.
خىتايدىكى مۇھىم كۈنتەرتىپلەر
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى جورج بۇشنىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلەر ھىسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 9 - ئايدىكى سودا تەتۈر بالانىسى 66 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كارخانىلىرى، بۇ، خىتاينىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.
پرېزىدېنت جورج بۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىم سەۋەبىدىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، سودا مەسىلىدە قاتتىق پوزىتسىيدە تۇرۇشى مۇمكىن. رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىشىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە غايەت زور زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا.
دالاي لاما ماڭا شۇنى دەپ بەردىكى ، ئۇ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇش خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت جورج بۇشمۇ يېقىندا مەتبۇئاتلارغا، جەنۇبىي كورىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرىدە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
ئامېرىكا غەربىي شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى ياڭ لىيۈ ئەپەندى ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ سودا تەتۈر بالانىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان دۆلەتنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
"ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن شۇنچە كۆپ سودا تەتۈر بالانىسى بولۇشىنىڭ بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبى بار. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى. ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە سىياسىي مەسىلە مۇھىم ئورۇندا، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئارقىدىراق تۇراتتى. بۇ قېتىم خىتاي خەلق پۇلىنىڭ تىگىشىش قىممىتى بىرىنچى ئورۇندىكى مەسىلىگە، ئاندىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىلىرى ئىككىنچى ئورۇندىكى مەسىلىگە ئايلىنىپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلىي مۈلۈكلەرنىڭ پاتنېنت ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە قانچە قېتىملاپ ۋەدە قىلىپ بولدى. ئەمما ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ پاتنېت ھوقۇقىنى ئوغرىلاش ئەھۋاللىرى بارغانسىرى ئېغىرلاپ كەتتى. شۇڭا ئامېرىكا تەرەپ، خىتاينى پەقەت قۇرۇق ۋەدە بېرىۋاتىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ. نېمىشقا دېسە، خىتاي شۇنچىلىك قالايمىغان".
ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يېقىندا ، خوڭكوڭدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەنە " مۇرەككەپ" دېگەن سۆز بىلەن ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلىگەن.
پروفېسسور ياڭ لىيۈ، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن مۇرەككەپ، ھەر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:
"ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چېتىلىدىغان دائىرىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېخى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە، ئىختىلاپ، توقۇنۇش، ھەمكارلىق، زىددىيەت، تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار".
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئورنى نەدە؟
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بۇ يىلنىڭ باشلىرى پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنداقتا جورج بۇش بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىر مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقامدۇ؟
ئامېرىكىدىكى داڭلىق "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنغان.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى سىياسەتلىرىدە بولسا زىل، يۇمشاق ۋاستىلەرنى قوللانماقتا. يەنى ئوچۇق- ئاشكارا خىتاينى ئوڭايسىزلاندۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتماقتا. گەرچە بۇشنىڭ سىياسىي گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى كونسىرۋاتىپلار بۇشنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي مەسىلىلەردە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق بىر سىياسەت يۈرگۈزۈشكە چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جورج بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى كارخانىچىلارنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇچراپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە يوغۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.
بىراق، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جورج بۇشنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاق سارايدا تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
بۇشنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدۇ
پروفېسسور ياڭ ليۈنىڭ بىلدۈرۈشىچىمۇ، ئەمدىلا جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەن دالاي لامانىڭ ئۆزىگە، جورج بۇشنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن:
" دالاي لاما ماڭا شۇنى دەپ بەردىكى ، ئۇ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇش خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن".
ئەمما يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە خىتايغا ھاجىتى چۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى جەھەتتىن بەك قىستىۋەتمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولالىشى ناتايىن ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا- خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى تەڭشەشكە چاقىردى
- خىتاي، ئامېرىكىنى ئىسلامى گۇرۇھلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر پرېزىدېنت بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- رامىسفېلد خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋەتمەكچى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي توقۇلما بۇيۇملىرىغا 13 تۈر بويىچە چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىدۇ
- بۇش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى