
رۇسىيە دائىرىلىرى 8-مارت كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان چېچەنىستان ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ جايلاشقان ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن كىشىنى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ جايلاشقان ئورنى ھەققىدە مەخپىي ئۇچۇر يەتكۈزگەن ئىسمى نامەلۇم بۇ كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ باشقا رايونلىرىغا يۆتكىلىپ كېتىشى ۋە ياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە كېتىپ ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چېچەن مۇستەقىلچى رەھبەرلىرىگە چىقىرىلغان باھالار
چېچەن-رۇسىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ ئاساسلىق باشلىقلىرىنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈپ ھەر خىل باھالارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ باھا ئېلان قىلىنغانلىرى چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رادىكال قانىتىغا مەنسۇپ قوماندانى شامىل باسايېۋ بىلەن چېچەن ئالىي رەھبىرى ئارسلان مەشەدوۋ ئىدى. بۇلارنىڭ بېشى ئۈچۈن دەسلەپتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىنغان بولسا، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن شىمالىي كاۋكازىيىدىكى ئاسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى گۆرەگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى ئارسلان مەشەدوۋ بىلەن شامىل باسايېۋنىڭ ھەر بىرى ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزگەن ئادەمگە 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. چېچەنلەرمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 20 مىليون دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقان ئىدى.
ئارسلان مەشەدوۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار
رۇسىيە دائىرىلىرى 8-مارت كۈنى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ چېچەنىيىنىڭ تولىستوي يۇرت ناملىق شەھىرىدىكى بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان گەمىگە يوشۇرۇنىۋالغاندا پارتلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن گەمىگە يوشۇرۇنغاندا بىر قوغدىغۇچىسىدىن قورالىدىن ئوق چىقىپ كېتىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر تارقىتىلغان ئىدى.
رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئوخشىمىغان مەزمۇندا خەۋەر تارقىتىشى يالغۇز چەتئەل كۈزەتكۈچىلىرىنىڭلا ئەمەس بەلكى، رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ گۇمانىنى قوزغاپ، مەتبۇئاتلارنى تۈرلۈك مەلۇماتلار قاپلىدى.
موسكۋا كومسوموللىرى گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئارسلان مەشەدوۋ رۇسىيە دائىرىلىرى ئېيتقاندەك 8-مارت كۈنى پارتلاپ ئۆلگەن بولماستىن بەلكى، 6-مارت كۈنى موسكۋا پەرەس چېچىنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رامازان قادىروپ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب موسكۋا پەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى رامازان قادىروپ ئارسلان مەشەدوۋنىڭ 8 نەپەر تۇققىنىنى قولغا ئالغان . ئۇ مەشەدوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ سىياسىي سەھنىدىن چۈشۈشى ۋە ياكى باشقا مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان. نەتىجىدە ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن ئارسلان مەشەدوۋ ئۆلتۈرىۋېتىلىپ، 8-مارت كۈنى ئۇنى ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىنغان جايغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويۇلغان.
موسكۋا كومسوموللىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ مەلۇمات خېلى كۆپ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن قايتا تارقىتىلغان بولۇپ، ئەنگىلىيىدىكى ببس رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە موسكۋاپەرەس چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلتان ساتۇيېۋ رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەلۇماتنى ئىنكار قىلىپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى دەسلەپتە تارقاتقان دەسلەپكى ئۇچۇرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
رۇسىيىدىكى ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىنغان ئارسلان مەشەدوۋ يوشۇرنىۋالغان تولىستوي يۇرتتىكى ھېلىقى ئۆي پارتلىتىلىپ يوق قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ھېچقانداق پاكىتلىق ئالامەتلەر قالمىغان.
رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئارسلان مەشەدوۋنىڭ جەسىتىگە ئائىت سۈرەتلەر كۈزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغىغان . بۇ سۈرەتلەردىكى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ جەسىتى تولۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتلاپ ئۆلگەنلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن. دېمەك زىددىيەتلىك مەلۇماتلار تېخىمۇ كۆپ گۇمانلارنى قوزغىغاندىن سىرت يەنە بۇ ھەقتىكى قىياسلار ۋە توقۇلمىلارنىڭمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
رۇس خەلقىنىڭ ئەندىشىسى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا چېچەن مۇستەقىلچىلىرى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، كۈرەشنى قەتىي توختاتمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھال رۇسىيىلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ موسكۋا قاتارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خۇددى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەندەك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قايتا يولۇقۇشتىن ئەندىشە قىلىش خائىشىلىرىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن ئىكەن.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورىزىم بىلەن ئەيىبلەنگەن مۇستەقىلچى چېچەنلەر رەھبىرى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ جەسىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، موسكۋا ئۇنى نامەلۇم بىر جايغا دەپنە قىلىدىغانلىقلىرى ئېيتىپ، مېيىتنى تۇققانلىرىغا بېرىشنى رەت قىلغان.
غەرب كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدە مەشەدوۋ مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھە قىلىشقا مايىل كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتۈرلىشىدىن كېيىن ئەمدى مۇنداق سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىدىغان ئادەم قالمىدى دەپ قارالماقتا. (ئۈمىدۋار)