ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا پائالىيەت چەكلىمىسى قويدى‎


2005.10.05

ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇھاكىمە يىغىندا گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسىس ‎ئاندرېي بېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاممىۋى ئىسيانلاردا ئاغدۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلىدىغان ‎ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ‎پائالىيىتىگە ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇش ۋەقەلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا، دېگەن گۇمان بىلەن چەكلىمە ‎قويماقتىكەن. ‎

ئاندرېي بېرگ، گېرمانىيە ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق تەتقىقاتى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ‎ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى. ‎

ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى جىددى ئەندىشە ئىچىدە ‎

بېرگ، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون خەلقئارا ‎مۇتەخەسسىسلەر مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، قىرغىزىستان ۋە بەزى سوۋېت ئىتتىپاقى ‎جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ‎رەھبەرلىرىنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېرگ "گرۇزىيە، ‎ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر تېخىمۇ ‎قاتتىق قانۇنلار بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويدى " دەيدۇ.‎

ئۆزبېكىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى چەكلەش چىمپىيونى

‎ ئاندرېي بېرگنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزبېكىستان خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىگە ‎ئەڭ بۇرۇن چەكلىمە قويغان دۆلەت بولۇپ، 2004 - يىلى 1 - ئايدا ئۇكرائىنىيىدىكى رەڭلىك ‎ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىنلا، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف، خەلقئارا ئورگانلار ‎ۋە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ئۆزبېكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا قايتا تىزىمغا ‎ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى مەخسۇس مالىيە ‎كومىتېتى قۇرۇپ، خەلقئارا ئورگانلار تەرىپىدىن يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بېرىلگەن ياردەم ‎پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان.‎

ئاندرېي بېرگ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ دېگەنلىك يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلقئارا ‎ئورگانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشسە، ئېرىشكەن ياردەم پۇل يەرلىكتىكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا ‎تېگىشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مالىيە كومىتېتى بار، مەزكۇر ئورگان پۇلنى ‎توختىتىپ قويالايدۇ." ‎

ئۆزبېكىستان ئامېرىكا تەشكىلاتلىرىنى چەكلىدى ‎

ئاندرېي بېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ‎‎"دۆلەت بىخەتەرلىكى" گە ياتىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشتىن پەخەس بولۇشقا ‎ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن. ئاندرېي بېرگ، بۇ ‎قانۇنلار ئامېرىكىدىكى ئوچۇق جەمئىيەت ئىنىستىتۇتى، مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىنىستىتۇتى، خەلقئارا ‎جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتى، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ‎تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى پائالىيىتىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.‎

‎ بېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 4 - ئايدا ئوچۇق جەمئىيەت ئىنستىتۇتىنى ‎تىزىمغا ئېلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئىشخانىسىنى تاقىغان.‎

تاجىكىستان بىلەن قازاقىستاندا ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چەكلىمە كۆپەيدى

ئۆزبېكىستان بىلەن بىرگە تاجىكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئوشاش ‎تەدبىرلەرنى ئالغان. بېرگ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاقايېۋ ‎ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تاجىكىستاننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنى چەكلەش ‎يولىغا ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى. بېرگنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تاجىكىستان، چەتئەل ئەلچىخانىلىرى ‎ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن تاجىكىستاندىكى يەرلىك سىياسى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن ئالاقە ‎قىلغاندا، ئەھۋالنى تاجىكىستان ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان.‎

‎ ئاندرېي بېرگ "شۇنىڭ ئۈچۈن تاجىكىستاندا خەلقئارا تەشكىلاتلار يەرلىك كۈچلەر بىلەن يىغىن ‎ئۆتكۈزمەكچى بولسا، تاجىك دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك. ئەمما شۇنداقتىمۇ ‎تاجىكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھازىرچە نىسبەتەن تىنچ،" دەيدۇ. ‎

بېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى چىقارغان يېڭى قانۇن ئاممىۋى ‎تەشكىلاتلاردىن قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، يېڭى قانۇن بويىچە ‎قازاقىستاندىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان ياردەملەرنىلا قوبۇل ‎قىلىشىغا بولىدىكەن.‎

‎ بېرگ، "قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رۇسىيە قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا مىراسخور دۆلەتلەر ‎ھەم بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى چىقىرىشقا باشلىماقتا " دەيدۇ. ‎

دىكتاتورلار ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى

ئابندرېي بېرگنىڭ تەكىتلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر 2004 - يىلى يازدا ‎موسكۋادا خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ ‎پائالىيىتىنى ئەيىبلىگەن. بولۇپمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنى سايلامغا نازارەت قىلىش، بۇ رايوندىكى ‎دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن تەنقىدلىگەن.‎

‎ ئاندرېي بېرگ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى " پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ،" بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە ‎تاشقىرىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى توسۇش بىلەن بىرگە، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى باستۇرىۋاتىدۇ، ‎دەپ ئەسكەرتتى. ‎

دېموكراتىيە مۇساپىسىدىن چەتنەش ئوتتۇرا ئاسىيا- غەرب مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى

ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى چەكلەش، ‎دېموكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى تورمۇزلاش ھەرىكىتى دېموكراتىك ئەللەر بىلەن بۇ رايوندىكى ‎دىكتاتۇر ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشنى كۈچەيتمەكتە. ‎

ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ‎ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ‎

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى كۆزدىن ‎كەچۈرمەكتىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەلللىرىدىكى زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان ش ئا ئو ئە ت باش ‎كاتىپىنىڭ ۋەكىلى روبېرت سىمونس، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئەنجان ۋەقەسى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ‎ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.