0:00 / 0:00
ھەر يىلى 10 - ۋە 11 - ئايلاردا، ئامېرىكا ۋە كانادا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن ياشلار ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇش پۇلى مەسىلىسىگە كەلگەندە قاتتىق باش قاتۇرماقتا.
شۇڭا بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئامېرىكىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغاندا ئوقۇش پۇلى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك دېگەن نۇقتىدا مەخسۇس سۆھبەتتە بولدى.