خىتاي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس قانۇن بېكىتىدىغان بولدى

0:00 / 0:00

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان، كىشىلەر ماددىي بۇيۇملارغا ھەددىدىن تاشقىرى چوقۇنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك دېگەندەك مەسىلىلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، خىتاي جەمىيىتىنىڭ يۇقىرىدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن.

مەن بۇ قانۇننىڭ رولىغا پۈتۈنلەي گۇمان بىلەن قارايمەن. خىتاي ئەزەلدىن قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس. خىتايدىكى قانۇننىڭ ھەممىسى دىگىدەك سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

چىرىكلىكنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى خىتاي ئاياللىرىنىڭ قولىدا داڭلىق مىھمانخانا، ئاشخانا ۋە سودا سارايلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئاق ھۆججەتلەرنى تۇتىۋېلىپ، ئۇنى باشقىلارغا ئەرزان باھادا ھەدەپ زورلاپ سېتىۋاتقانلىقىدىن، ھەمدە پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ بۇنى سېتىۋېلىپ، ئۆز ئىدارىلىرىغا ئاپىرىپ ساختىلىق بىلەن ئاتچوت قىلىپ، پايدا كۆرىۋاتقانلىقىدىنلا ھىس قىلغىلى بولىدىكەن.

خىتاي رەھبەرلىرى چىرىكلىكنىڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ھىس قىلماقتا

بۇ يىل 1 - ئايدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدە كومپارتىيە كادىرلىرىغا مەخسۇس سۆز قىلىپ، چىرىكلىكنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىشىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى قانۇن -بەلگىلىمە بېكىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى بىرلىكتە تىرىشىپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

خوڭكوڭ شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېن يۈشۆ ئەپەندى "خۇ جىنتاۋنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدە بۇنداق گەپ قىلىشى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىكى، خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە زور تەھدىت يەتكۈزمەكتە. ھازىر خىتايدىكى باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، كادىرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خالىغانچە خىيانەت قىلىۋاتقانلىقى ئاخىرىغا بېرىپ جەمىيەت نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسى مۇقىملىققا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى بۇ مەسىلىگە ئەمدى ھەرگىزمۇ سەل قارىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، بانكا ۋە كارخانىلاردىكى چىرىكلىشىپ كەتكەن كومپارتىيە كادىرلىرىنى قولغا ئالغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك كۈچەيتكەن.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە 15 مىليون پارتىيە ئەزالىرىنى چىرىكلىك تۈپەيلىدىن جازالىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. لېكىن كۆپلىگەن خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىلىرى " بۇ خىل قولغا ئېلىش ۋە تەشۋىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تۈزۈم خاراكتېرلىك تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقىش" دەپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى سىياسەتشۇناس لى شۈرۇ " خىتاي رەھبەرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە شۇكى، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزى ئىنتايىن چىرىكلىشىپ كەتكەن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرى ھەممىدىن بەك چىرىكلىشىپ كەتكەن. شۇڭا چىرىكلىكنى يىلتىزىدىن يوق قىلالىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ" دەپ بىلدۈردى.

"چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى" تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

ئېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىدىمۇ "چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى" مۇھاكىمە قىلىنىپ، تەستىقلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. لېكىن كۆپلىگەن ئانالىزچىلار " خىتايدا بۇ خىل قانۇن تىكلەنگەن ھالەتتىمۇ، چىرىكلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ، ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

" مەن بۇ قانۇننىڭ رولىغا پۈتۈنلەي گۇمان بىلەن قارايمەن. خىتاي ئەزەلدىن قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس. خىتايدىكى قانۇننىڭ ھەممىسى دىگىدەك سىياسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خۇ جىنتاۋ تەھتكە چىققاندىن بۇيان چىرىكلىك مەسىلىلىرى ئازايماستىن، ئەكسىچە ئەۋج ئالماقتا. كۆپچىلىك بۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئەمەلدارلىرى، زىيالىيلىرى، شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسى ھەممىسى "چىرىكلىككە قارى تۇرمىسا، دۆلەت يوقىلىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرسا كومپارتىيە گۇمران بولىدۇ" دېگەن قاراشقا كېلىپ بولدى. ئەمەلدارلار ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، پارتىيىنىڭ مەنپەئەتى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار پارتىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،ھەرگىزمۇ چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈپ - يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار پەقەت چىرىكلىككە قارشى تۇرىشنى سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈنلا سودىغا ئايلاندۇرىۋالغان. ھەرگىزمۇ قانۇنى شەكىلدە ئېلىپ بارمايدۇ. شۇڭا مەنچە قانۇن تۇرغۇزسىمۇ ھىچ پەرقى بولمايدۇ".

خىتاي خەلقى ھۆكۈمەتتىن ئىنتايىن نەپرەتلىنىپ ئۈمۈتسىزلەنمەكتە

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ داۋراڭ سالغانسېرى، خەلق بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى كۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن تېخىمۇ بەك نەپرەتلىنىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى يىللاردىن بۇيان، چىرىكلىكنى يوقىتىمىز دەپ كەلگەن، لېكىن خەلق بۇھەقتە ھېچبىر ئۈنۈملۈك نەتىجىنى كۆرمىگەن. (مىھرىبان)