خىتايدىكى "ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھادىسىلەر" ھەققىدە مۇلاھىزىلەر
2005.10.14
سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" نىڭ 9 - بېتىدە "ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىتايدىكى ئاساسلىق تور بەتلىرى بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ماقالە 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنىلا "خەلق گېزىتى" نىڭ تور بېتىدىكى بىر سەھىپىنىڭ ئىچىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ يېپىلىشى بىلەن ئۇنىڭ داغدۇغا بىلەن ئېلان قىلىنىشى، كىشىلەردە ھەر خىل قىياسلارنى پەيدا قىلماقتا.
جاڭ زېمىننىڭ ئوغلىنىڭ تەنقىد قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا
ماقالىدە ئېيتىلغان "ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھادىسىلەر" ئاساسلىقى بىر قىسىم رەھبىرىي ئەمەلدارلارنىڭ، بولۇپمۇ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئايال- بالىلىرىنى شىركەت ئاچقۇزۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۆپلەپ پۇل تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
تەيۋەندىكى خىتاي ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ماقالە بېيجىڭدا ئالاھىدە دىققەت ئېتىبارلارنى قوزغىغان. نۇرغۇنلار بۇ ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسنىڭ سابىق سېكرىتارى جياڭ زېمىننىڭ ئوغلى جياڭ ميەنخىڭنىڭ كارخانىلاردا كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قانۇنسىز قىلمىشى يوشۇرۇن تەنقىد قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
چەتئەلدە "قىزىل قالپاقلىق سودىگەر" دەپ نام ئالغان جياڭ زېمىننىڭ ئوغلى جياڭ ميەنخىڭ، گەرچە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە ئۈچ شىركەتنىڭ باش خوجايىنلىقىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 8 - ئايدا ئۇ يەنە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي تارماق ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقلىق ئەمەلىگە ئېرىشكەن ئىدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جياڭ ميەنخىڭنىڭ ۋەزىپىسى مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ۋەزىپە ئۆتىشى نورمال ئەھۋال ئەمەس ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش
بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ جياڭ زېمىننىڭ ئوغلىنى شاڭخەيدە تېخىمۇ يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ شاڭخەيدىكى تەسىرىنى ساقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جياڭ مىيەنخىڭ ئەڭ تېز بولغاندا كىلەر يىلى شاڭخەي شەھەر باشلىقلىقىغا كاندىدات بولالىشى مۇمكىن ئىكەن.
خوڭكوڭدىكى " ئېچىۋېتىش" ئورنىلىنىڭ تەھرىرى سەي يۇڭمىينىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جياڭ زېمىنلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇق تۇتقان رەھبىرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش. پەقەت جياڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىلا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ قالغان.
"ھازىرقى خۇ جىنتاۋ، ۋىن جياباۋلارنىڭ بالىلىرىمۇ نۇرغۇن پۇل تېپىۋاتىدۇ. خىتايدىكى " بايلىق" ژورنىلى ئېلان قىلغان چوڭ بايلار تىزىملىكىدە بىرىدىن سىرت، قالغان ھەممىسىنىڭ رەسىمى بار. كىشىلەر ئاشۇ رەسىمىنى ئېلان قىلمىغان يوشۇرۇن باينى ۋىن جياباۋنىڭ ئوغلى دەپ قاراۋاتىدۇ. ۋىن جياباۋنىڭ ئايالى بولسا ئۈنچە مەرۋايىت سودىسىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خۇ جىنتاۋنىڭ قىزىمۇ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايلىقىمۇ يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ ئوغلى بولسا چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي خادىم. ئۇمۇ سودا ساھەسىدىكى چوڭ ئەربابلاردىن. ئۇلار ھەممىسى سودا بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ".
شىنجىندىكى ئۆكتىچى پائالىيەتچى جاۋداگۇڭ ، خىتايدىكى بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقى، بۇ خىل ئۆزگىچە ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى:
"بۇنداق ئىشلار جياڭ زېمىندىلا كۆرۈلگەن ئەمەس. لى پىڭنىڭ قانداق، دىڭ شياۋپىڭنىڭ بالىلىرى قانداق، ئۇلار ھەممىسى ئوخشاش ئۆز ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ خالىغان ئىشىنى قىلىدۇ. قاراپ باقساق،گىرمانىيە باش مىنىستىرى شىرودېرنىڭ ئۇكىسى ئىشسىز، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رىگىننىڭ بالىسىمۇ ئىشسىز قالغان. چۈنكى پرېزىدېنتنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇق يوق. كارخانىلار ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئىشلەتمەيمىز دېسە ئىشلەتمەيدۇ. ئەمما خىتايدا بۇنداق رەئىس، باش مىنىستىرلارنىڭ بالىلىرى، تۇققانلىرىنىڭ ئىشسىز قالغان ئەھۋالى بارمۇ؟ يوق".
كەڭ ئومۇملاشقان ھادىسە
خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا بۇ خىل چىرىكلىك ھادىسىسى بەكلا ئومۇملاشقان. بۇ ئەھۋاللارنى تۈپتىن تۈزەشتە، پەقەت ھۆكۈمەت ئەمەلدالىرىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىپ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن يىتەرسىز ئىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى تۈزەش ئۈچۈن، كادىرلار ھوقۇقىنى "كۈندۈزدە"، يەنى ئوچۇق -ئاشكارا يۈرگۈزىشى ھەمدە ئۆزى، رەپىقىلىرى ۋە بالىلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋاللىرىنى ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنداق قىلغاندىلا، ھوقۇقنى شەخسىي مەنپەئەتلىرىگە ئىشلىتىشكە پېتىنىدىغان ئەمەلدارلار ئازىيىپ، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بۇ خىل چىرىكلىك ھادىسىلەرمۇ يوقىلىدىكەن.
جاۋ داگۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن بۇ جەھەتتە خىتايدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، چۈنكى تەيۋەندە دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلغان. مەتبۇئاتلار چەكلىمىسىز ھالدا ھۆكۈمەت ئۈستىدىن نازارەت قىلالايدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تەپتىش مەھكىمىسى ھېسابات مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەپ- ئىچىش شامىلى كۈز كىرىشى بىلەن يەنە كۈچەيدى
- خىتايدا پۇل تېپىشنىڭ كويىدىكى ئەمەلدارلار سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(23)
- جاڭ زېمىننىڭ ئەسلىي قىياپىتى(22)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى