ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر خەلقارالىق چوڭ شەھەر بولالامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا 11- بەش يىللىق پىلان جەريانىدا، جۈملىدىن 5 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق چوڭ مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇندىن باشقا يېقىندىن بۇيان جەنۇبتا قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بولالامدۇ؟ قەشقەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاشتىكى مەقسەت نېمە؟ بۇ پىلان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قانداق بىر پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.