
خىتايدا ئىنگىلىز تىلىدا چىقىدىغان "جۇڭگو گېزىتى" ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كابېنتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يېي شياۋۋېننىڭ باياناتىنى ئېلان قىلىپ، تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ خىتايدىكى تارىخىي بۇددا تاۋابگاھلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىغا يول قويىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى. يېي شياۋۋېن باياناتىدا، ئەگەر دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقى ئىدىيىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچسە، ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلۇشى مۇمكىن، دەپ جاكارلىغان.
خىتاينىڭ ئالدىنقى شەرتى – مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىش
يېي شياۋۋېن، "پەقەت ، دالاي لاما تىبەت مۇستەقىللىقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەندىلا، ئاندىن بىز ئۇنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىنى ئويلىشىشىمىز مۇمكىن " دەيدۇ.
يېي شياۋۋېننىڭ باياناتى ھازىرغىچە دالاي لامانى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ تىبەت روھانى داھىسىغا قايتۇرغان بىر قەدەر مۆتىدىل ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ باياناتى ۋاقىت جەھەتتە بىر قەدەر سەزگۈر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاز قالغان بىر چاغدا ئېلان قىلىنغانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. تىبەت مەسىلىسى ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئاق سارايدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىدىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى.
خىتاي ئەركىن بازاردىن قورقمىغاندەك، ئەركىن جەمئىيەتتىنمۇ قورقماسلىقى كېرەك
بۇ توغرىسىدا پرېزىدېنت بۇش ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ بىلەن "تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما ۋە رىم ۋاتىكانىنىڭ خىتايدىكى كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى" قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش نۇتۇقىدا خۇ جىنتاۋنىڭ "ئەركىن بازاردىن قورقمىغانغا ئوخشاشلا ئەركىن جەمئىيەتتىنمۇ قورقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرىنىڭ "نۇرغۇن نازۇك مەسىلىلەر" گە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دالاي لاما ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇزۇندىن بېرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى جۇڭگو ئۈچۈن كىچىك مەسىلە ئەمەس. چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى بىلەن چېتىلىدىغان مەسىلە، شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ.
ئەگەر دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، بۇ تىبەت مەسىلىسىنى ئالىي ئاپتونومىيە دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىش يولىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى يېي شياۋۋېن، ئەگەر دالاي لاما بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلىسە، "ئىككى تەرەپ دالاي لامانىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا بولىدۇ " دەيدۇ.
ليۇ شياۋجۇن: كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يۈزلىنىش
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانىڭ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دارامسالادا ئېلان قىلغان جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسى "كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يۈزلىنىش" ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكىدىكى جۇڭگو ئىستىراتېگىيە مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى ليۇ شياۋجۇ ، "مېنىڭچە بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر يۈزلىنىش. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا يۇمشاش بولغانلىقىنى ۋە دالاي لاما بىلەن يارىشىش پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ليۇ شياۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن نۇرغۇن كونكرېت مەسىلىلەردە مۇزاكىرىلىشىشكە ۋە مۇرەسسەلىشىشكە توغرا كېلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولغان مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. ليۇ شياۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەسىلىنى بۇ ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈزۈلمە لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ليۇ شياۋجۇ "دالاي لاما بىر تەرەپتىن دىنىي داھى، يەنە بىر تەرەپتىن بىر سىياسىي رەھبەر. لېكىن سىياسىي مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھەر خىل سەزگۈرلۈكلەرگە ئىگە، چەكلەنگەن رايونلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىلىنى دىنىي نۇقتىدىن باشلاش جۇڭگو كومپارتىيە دائىرىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ سىستېمىسىنىڭ لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەپلىرى بار چارە "دەيدۇ.
ئامېرىكا خۇ جىنتاۋ بىلەن دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە جېيجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا بۇددا دىنىي مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىشنى پىلانلىماقتا. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىل خەلقئارا دىنىي يىغىننى 1949 - يىلى جۇڭگودا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىككە كەڭرى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
جۇڭگو ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا ئېلىپ بارىدىغان "نۇرغۇن نازۇك مەسىلىلەر" دىكى سۆھبىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "مەن رەئىس خۇ جىنتاۋ بىلەن دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە تەپسىلى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىدىن مۇرەككەپ
جۇڭگو ئىستىراتېگىيە مەسىلىلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى ليۇ شياۋجۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى يۈزلىنىشى كىشىنى ئىلھاملاندۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان سىياسەت تۇتماقتا.
ليۇ شياۋجۇ "تىبەت مەسىلىسى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى دىنىي جەھەتتىكى ۋە چېگرا سىرتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئوخشاشماسلىقىدا. تىبەت ئەمەلىيەتتە يەك - يىگانە بىر ھادىسە. لاما دىنىنىڭ ئىچكىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ۋە بۇ دىن خەلقئارا خاراكتېرلىك دىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ تىبەتكە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ'' دەپ كۆرسەتتى.
ليۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى جۇڭگو ئۈچۈن كىچىك مەسىلە ئەمەس. چۈنكى بۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى بىلەن چېتىلىدىغان مەسىلە" شۇڭا دەيدۇ ليۇ شياۋجۇ، "جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ " . (ئەركىن)