خىتايدا خەلق، ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى ئىسلاھاتىدىن نارازى بولماقتا
2005.08.23
يېقىندا، خىتاي ياشلار گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 90٪ خەلق، خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتىدىن نارازى بولغان. كۆپ ساندىكى خەلقنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا دوختۇرخانىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن، لېكىن داۋالىنىش ھەققى يىلدىن - يىلغا ئۆرلىگەنلىكتىن، بىمارلارنىڭ دوختۇرغا كۆرىنەلىشى تېخىمۇ تەسكە توختىغان.
باھانىڭ يۇقىرىلىقى، بىمارلارنى دوختۇرخانىدىن يىراقلاشتۇرماقتا
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى "ھازىر خىتايدا، ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بولغان بىر قىسىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنى ھېسابلىمىغاندا، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك دوختۇرخانىغا بېرىشتىن قاچىدۇ. چۈنكى ئەگەر دوختۇرخانىغا بارىدىكەن، ئادەتتىكى بىر زۇكام كېسىلى ئۈچۈنمۇ، مىڭ يۈئەنگە يېقىن پۇل خەجلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەرنىڭ، كېسەل بولۇپ قالسا ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى، دوختۇرغا بېرىشقا ئەرزىمدۇ، ئەرزىمەمدۇ دېگەن مەسىلە بولۇپ قالدى. چۈنكى مەيلى قانداق دوختۇرخانىدا بولسۇن، دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك دورا سودىگىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ھە دېسە كېسەللەرگە قىممەت باھالىق ھەتتا كېسەل بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان دورىلارنى يېزىپ بېرىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان، بۇ خىل داۋالاش ۋە دورا ھەققىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئۆرلەش ئەھۋالى دوختۇر ۋە دوختۇرخانىلارغا پايدا ئېلىپ كەلگىنى بىلەن، كەڭ خەلققە تاغدەك بېسىم بولۇپ، ئۇلارغا زور زىيان يەتكۈزمەكتە" دەپ بىلدۈردى.
مەسىلە دۆلەت تۈزۈلمىسى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ
ئامېرىكا سەھىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاڭ يۈ بىڭ ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتىنى "توغرا بولمىدى" دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
" مەنچە بۇ خىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرا بولمىدى، داۋالاش ساھەسىدە بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى، پەقەت دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارغىلا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، پۈتۈن جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان بولمىغۇر ئىشلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا بولغان تەسىرىدىن كېلىپ چىققان. كېسىپ ئېيتقاندا، داۋالاش ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر، دۆلەت تۈزۈلمىسى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدۇ. شۇڭا مەسىلىنى قۇرۇق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنىشكىمۇ قۇدرىتى يەتمىگىنى بىلەن، يەنە بىر قىسىم پۇلى بار ھوقۇقدارلار ناھايىتى ئالىي دەرىجىلىك داۋالاش مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمان بولماقتا ".
ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئادەم قۇتقۇزۇش ئەمەس …
ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى "خىتاينىڭ داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھاتى دوختۇرخانىلارنى پۈتۈنلەي بازارلاشتۇرىۋەتتى. ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئادەم قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى بىمارلاردىن پۇل بۇلىۋېلىش بولۇپ قالدى " دەپ تەكىتلەپ، ئۆز كۆز - قاراشلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى :
" بۇخىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى داۋالاش سېستىمىسىدا ئورتاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، دورا باھاسى مەسىلىسىگە كەلسەك، دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلار بىلەن بىرلىشىۋالغان. خۇددى ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىغا ئوخشاش، دوختۇرخانا باشلىقى، دورىگەر، دوختۇر، ھەتتا سېستىرالاردىن تارتىپ ھەممىسى دېگىدەك چىرىكلىشىپ بولغان. شۇڭا ئۇلار ئۆز- ئارا بىر - بىرىگە چاپان يېپىپ، ئۆزىگە پايدا كېلىدىغان ئىشنىلا ئويلاپ، دورىلارنىڭ باھاسىنى نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچى يەنىلا بىچارە دېھقانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يۇقىرى باھالىق دورىلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئەسلىدە دورا ئىچىپ داۋالانسا ساقىيىدىغان كېسەلدىن بارا - بارا ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىغا بېرىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ. " (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى
- ھەمكارلىشىپ داۋالاش پىلانى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاس پەيدا قىلماقتا
- داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەمدۇ؟
- خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلارنىڭ سەھىيە مەسىلىسى
- دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ؟ (2)
- دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ؟ (1)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى داۋالىنىش ھەققى ۋە سۇغۇرتىسى