0:00 / 0:00
يېقىندا، خىتاي ياشلار گېزىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر 90٪ خەلق، خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان داۋالاش ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتىدىن نارازى بولغان.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كەلگەن تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، سەھىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بولۇپمۇ نامرات يېزا رايونىدىكى دېھقانلار كېسەل بولغان تەغدىردىمۇ دوختۇرغا كۆرىنەلمەيدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن. ھەتتا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندىمۇ، پۇلسىزلىقتىن دوختۇرخانىغا بارالماي ئۆيدە يېتىپ، ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىكەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.