ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتلىرى بىرلەشتى
2005.08.11
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەر شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋە ئەنجاندىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېلىپ چىققان پاجىئەلەر مەزكۇر رايوننىڭ سىياسىي ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. ئەنە شۇ تەسىرلەرنىڭ ئىپادىلىرى سۈپىتىدە ئامېرىكىدىكى ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆزبېكىستان دېموكراتلىرى قۇرۇلتىيىنى تەسىس قىلىشى بولسا، يەنە ياۋروپادىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتىچىلىرىنىڭ گېرمانىيىگە جەم بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن بىر تەشكىلات ئاستىغا ئۇيۇشۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ھەر قايسى ئۆكتىچى-پارتىيە گۇرۇھلىرىنىڭ ۋەكىللىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىگە جەم بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنى قايتا تەسىس قىلدى شۇنىڭدەك خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى دىكتاتۇرۇلۇق تۈزۈمنى يوقىتىش، دېموكراتىيىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنى قايتا تەسىس قىلىش تەكلىپى قىرغىزىستاندىكى "ئەركىنلىك" پارتىيىسىنىڭ رەئىسى توپچىبېك تۇرغۇن ئالىيېۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ پارتىيە ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان بولسا، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشالايدىغان پارتىيىگە ئايلانغان.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توپچىبېك تۇرغۇنالىيېۋ قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك پارتىيە ھېسابلىنىدىغان "ئەركىنلىك "نىڭ بۇ قېتىم پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتىچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت ئورگىنى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى سەۋەبىدىن قوشنا دۆلەتلەر جۈملىدىن، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ قىرغىزىستانغا بېسىم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:
"قىرغىزىستان، ئاساسىي قانۇن بويىچە ئالغاندا ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەت، سىياسىي پارتىيە ۋە پۇقرالارنىڭ تەشكىلاتلىرى سىياسىي ھاكىمىيەتكە بېقىنمىغان ھالدا مۇستەقىل ھەركەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە" .
توپچىبېك تۇرغۇن ئالىيېۋ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ،" بۇنىڭ نىشانىنىڭ "دىكتاتۇرلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بۇ دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى، قىرغىزىستاننى ھەم شۇلارنىڭ بېسىمىدىن ئازاد قىلىش" دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇلارنىڭ بىرلەشمە خىتاپنامىسى بىۋاستە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەبىتلىرىگە قارىتىلدى
ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتلىرىنىڭ بېرلىن يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۇپىتىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىچىسى ۋە قىرغىزىستان "ئەركىنلىك" پارتىيىسىنىڭ رەئىسى توپچىبېك تۇرغۇنالىيېۋ شۇنىڭدەك قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى سېرىك مېدېتبېكوپ، ئۆزبېكىستان "ئەرك" پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد سالىھ، ئۆزبېكىستان بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم پولات، تاجىكىستان دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى شادىمان يۈسۈپ، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد خاناموپ قاتارلىق جەمىي توققۇز پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان خىتاپنامىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىرلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەقىقى دېموكراتىك جەمىيەت بەرپا قىلىش ئىرادىسى ئىپادە قىلىنغان.
مەزكۇر خىتاپنامىدە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيىلىشىش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: " قىرغىزىستاندىكى خەلق ئىنقىلابى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىكتاتۇرىلارنىڭ بىرلەشمە فرونتىنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، خەلقنىڭ ھوقۇقسىزلىقى ۋە دىكتاتۇرا، دۆلەتلىرىمىزنىڭ بىردىن بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش فورمۇلىسى ئەمەس".
بۇ خىتاپنامىدە قىرغىزىستان خەلقى ياراتقان دىكتاتۇرىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە تىنچلىق بىلەن سايلام ئارقىلىق دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ خىتاپنامىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلام كېرىموپنىڭ ئەنجاندا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلەيدىغانلىقى ۋە ئىسلام كەرىموپنىڭ دىكتاتۇرۇلۇق تۈزۈمىنى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايەتچىسى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ خەلقارا جەمىيەتنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە تەلەپ قىلىنغان . مەزكۇر خىتاپنامىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ھەمدە ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئەنجان ۋەقەسىنىڭ جىنايەتچىلىرىگە نىسبەتەن توغرا قارار چىقىرىشقا چاقىرغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسىدە يەنە تېررورىزم مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەيدانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا دىكتاتۇرىنىڭ تېررورىزمنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبى بولىدىغانلىقى، پەقەت دېموكراتىك جەمىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت ھەم قانۇنىي باراۋەرلىك بولغاندىلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ھەم تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن شۇنىڭدەك بۇ قۇرۇلتاينىڭ بارلىق خەلقارالىق دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاق قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھەمدە ئاسىيا –تىنچ ئوكيان مەملىكەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى تەكىتلىگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك قۇرۇلتىيى ئەسلىدە 1991-يىلى قىرغىزىستاندا قۇرۇلغان بولۇپ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۆلەتلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۆز پائالىيىتىنى توختىتىپ قويغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتىچىلىرى ئۆز مەملىكەتلىرىدىن ئايرىلىپ، ياۋروپا ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ قېتىم قىرغىزىستاندىكى ھاكىمىيەت دېموكراتلار قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىدىن توپچىبېك تۇرغۇنالىيېۋ بىشكەكنى دېموكراتىك ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش مەركىزى قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى ب د ت مۇھاجىرلار ئىدارىسىغا تاپشۇردى
- ئۆزبېكىستان سوتى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن 20 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
- ئۆزبېك سىياسىي ئۆكتىچى مۇھەممەت سالىھ بىلەن سۆھبەت
- مۇھەممەد سالىخ: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت
- ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاندا قولغا ئېلىندى