خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتايلارنىلا قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالماي، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنى يېقىندىن جەلپ قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ياكى ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش مەسىلىسى، دۇنيا تارىخىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور مەسىلە. بۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتايدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ھېسابلىنىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ۋاشىنگتون خىتاينى خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا بويسۇنىدىغان مەۋجۇت خەلقئارا سىستېما ئىچىدىكى شېرىك دۆلەت سۈپىتىدە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.
جۇڭگو دېموكراتىك يولغا ماڭامدۇ ياكى ھازىرقى ھالىتىدە ئىستىبىدات يولىنى داۋاملاشتۇرامدۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى جۇڭگو ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ليۇ شاۋجۇ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى قانداق؟