قىرغىزىستاندا دېموكراتىيە كۈچلىرى بىرلىكى قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى سىياسىي پارتىيىلەر دېموكراتىيە ئۈچۈن پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ياشلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىپ، دۆلەتتە پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، دېموكراتىيە كۈچلىرى بىرلىكى نامىدىكى يېڭى سىياسىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان.

دېموكراتىيە كۈچلىرى بىرلىكى نىڭ مەقسىتى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.