مەركىزى بېيجىڭدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى فاڭ يىنجىڭ چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادتا "خەلقئارا تېررورچىلىق" ھەققىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ھېزبىي تەھرىرنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تەھدىد دەپ كۆرسەتكەن.
فاڭنىڭ ئېيتىشىچە، 2001 - يىلى -11 سېنتەبىردىن كېيىن ھېزبىي تەھرىر بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا تەسىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋاستىلارنى ئىشقا سىلىش ھەمدە مەتبۇئاتتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ، دېدى.
ھېزبىي تەھرىر فاڭ يىنجىڭ ئېيتقاندەك خىتاي ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىدمۇ؟ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىرى بارمۇ ؟ كانادادا ياشاۋاتقان دىنىي زات ھۈسەنجان قارىمنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسى فاڭ يەنجىڭ ئېيتقانلىرىغا بولغان قارىشى قانداق؟ ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس درۇ گلادنى بۇ مەسىلىدە قانداق قاراشتا؟