د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ يېقىنقى بىر قاتار پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت

2007-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى كەچتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋىللىئام ر. تىمكەن ئەپەندى ۋە خانىمى سۇئە تىمكەن، شۇنداقلا مىيۇنخېندىكى باش كونسۇلى ئېرىك نەلسون ئەپەندىلەرنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئەرىك نەلسون ئەپەندىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭدىن بۇرۇن، يەنى 2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 -كۈنىگىچە فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا "ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش خەلقئارالىق يىغىنى" غا ۋە 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى" غا قاتناشقان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت