د ئۇ ق رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىغا مەكتۇپ يوللىدى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن يېقىندا، مەركىزى بريۇسسېلدىكى چېگرىسىز ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋىللىي ئەپەندىگە مەكتۇب يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىگە بولۇۋاتقان بېسىملار ھەققىدە مەلۇمات يوللاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ ھەقتە خەۋەردار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. بريۇسسېلدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىمۇ دەرھال بۇ ھەقتە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدى.