0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك سېستىمىسى، نۆۋەتتە ئاياللار خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئاياللار كومىتېتى تەسىس قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە ئاياللار كومىتېتى، ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلار ئارقىلىق كەلگۈسى پەرزەنتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش شۇنىڭدەك ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاياللار سېپى قۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار خىزمەتلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايگۈل يۈسۈپ خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.