د ئۇ ق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 2 ‏- قېتىملىق پروگراممىسى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە

0:00 / 0:00

مەركىزى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي جەھەتتە قوللىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ، ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە دېموكراتىيە بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 2 ‏- قېتىملىق پروگراممىسىنى پات ئارىدا گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق كۇرس مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى خەلقئارا قانۇن ، دىپلوماتىيە ، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت پرىنسىپلىرى ساھەلىرى بۇيىچە ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، خەلقئارا ئادالەت سارىيى، ياۋرۇپا پارلامېنتى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان ئىدى.

بىز ئىككىنچى قېتىملىق كۇرسىنىڭ خىزمەت تەييارلىقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئالدىن ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ ئەمىلي جەريانىنى ئاڭلىتىمىز.