د ئۇ ق ھەيئىتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي رەھبەرلىرىدىن بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى


2008.01.09

ParlJelalErbay-150.jpg
1- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك ھەيئەتنى سابىق پارلامېنت باشلىقى، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

1- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك ھەيئەتنى پېشقەدەم سىياسەتچى، سابىق پارلامېنت باشلىقى، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىڭغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە د ئۇ ق تەرىپىدىن تەييارلانغان` شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار` ماۋزۇلۇق دوكلاتنى بەردى. كېيىن بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى سۆز قىلدى.

بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى سۆزىدە، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە ئورتاقلىشىمىز. بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ئائىلە. ئۇلارنىڭ دەردى بىزنىڭ دەردىمىز، بىزنىڭ دەردىمىز ئۇلارنىڭ دەردىدۇر. بىز ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك. تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۇ تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ۋە چەت' ئەلدە بولۇۋاتقان پائالىيەتلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلمەكتە. مەن پارلامېنت باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مېنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى داۋاملىق ئۈستىلىمدە تۇرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىز داۋاملىق ھالدا ئۇلارنى قوللاپ قۇۋەتلەيمىز. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز."

بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلگەندە ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"بۇ مەسىلىنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى پەقەتلا تۈركىيىدە ئاڭلىتىش يېتەرلىك بولمايدۇ، ئامېرىكىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئاڭلىتىلىشى كېرەك. پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولغان تەقدىردە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئازايتقىلى، ھەتتا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا پاك يۈرەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن."

بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىزنىڭ سۇئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، سىز پارلامېنت باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بولسۇن، كېيىنكى كۈنلەردە بولسۇن خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى سىزنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلدى، سىز دەپ ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇلارغا دېدىڭىزمۇ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:"مەن پارلامېنت باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە خىتايدىن ناھايىتى مۇھىم ھەيئەتلەر كەلدى. ھازىر ئىسمى يادىمغا كەلمەيۋاتىدۇ. 4-5 قېتىم خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى مېنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇلارغا ئاڭلاتتىم. تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمغا تۈركلەرنىڭ قارشى ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، تۈركلەر بىلەن تىلى، دىنى ۋە مىللىتى بىر بولغان ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان تەقدىردە خىتايلار بىلەن ياخشى دوست بولالايدىغانلىقىمىزنى داۋاملىق دەپ كېلىۋاتىمىز."

بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئۆتكەن 5 يىل ئىچىدە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزىنى 5 قېتىم خىتايغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا بارمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:"مەن پارلامېنت باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە خىتايلار مېنى كۆپ قېتىم خىتايغا تەكلىپ قىلدى. ئەمما مەن بارمىدىم. بۇ تەكلىپنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلمىدىم. 5 يىل پارلامېنت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىمدە خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا زۇلۇم قىلىۋاتسا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئەمما باشقا كىشىلەر بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلدى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتايلارنىڭ ناھايىتى نازۇك بىر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن بىزگە چۈشكەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز." ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.