دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياشلار كومىتېتى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ياشلار خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشىنىپ، مەزكۇر تەشكىلات تارمىقىدا تەسىس قىلىنغان ياشلار كومىتېتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى، نىشانى شۇنىڭدەك پىلانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.