
رۇسلار خىتاينى بەزىدە "سېرىق ئەجدىھا" ۋە ياكى "تەڭرى ئىمپېرىيىسى" دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان نەرسە خىتاينىڭ رىۋايەتلىرى ۋە تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رۇس-خىتاي مۇناسىۋەت تارىخىدا شېرىن ئاي دەۋرىمۇ، توپ- زەمبىرەكلىرىنى بىر-بىرىگە بەتلەشكەن، ھەتتا بىر –بىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكۈشكەن ۋاقىتلارمۇ بولغان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتايلار سانسىزلاپ رۇسىيە تۇپراقلىرىغا كىرىپ، سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. خىتاي ساختا ماللىرى رۇسىيىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى قاپلاپ، رۇسىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان سالدى. قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى رۇسىيىنىڭ چوڭ-كىچىك شەھەرلىرى ھەتتا يېزا-قىشلاقلىرىغىچە يېتىپ كېلىپ يەرلىشىشىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى.
سېغىنىشنىڭ ئورنىنى ئالغان سەسكىنىش
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە دائىم خىتاي قارا قوللار گۇرۇھلىرىنىڭ تۈرلۈك جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تىنچ رۇس پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ تارقىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە، بىر مەزگىل "خىتايلار ئەمگەكچى خەلق، خىتايلار ئاق كۆڭۈل خەلق" دەپ ماختىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ 50-يىللاردىكى سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شېرىن ئاي مەزگىللىرىدە ئېيتىشقان "بېيجىڭ-موسكۋا" ناخشىسىنى سېغىنغان رۇسىيىلىكلەرنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتلىرىنىڭ ئورنىغا سەسكىنىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان ھەمدە خىتاينى "تەھدىت "دەپ ھېسابلايدىغان كۆز قاراشلار ئالماشقان.
يېقىندا رۇسىيىدىكى ئاتاقلىق گېزىتلارنىڭ بىرى "موسكۋا كومسومولى" دا خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە "ئەجدىھا يولى" دېگەن تېما ئاستىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر موسكۋادا 150 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كۆچمىنى ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن جىنايەتچىلەر، قارا قوللار مەۋجۇت بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىلار خىتاي كۆچمەنلىرىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ياۋروپاغا ماڭدۇرۇش تىجارەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ.
رۇسىيىدىكى خىتايلارنىڭ سانى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلە، بەزى رۇس ئاپتورلىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنىڭ بىر قانچە مىليون ئىكەنلىكىنى يېزىشىپ، 2010-يىلىغا بارغاندا، خىتايلارنىڭ رۇسىيىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
موسكۋادىكى خىتاي قارا قوللار گۇرۇپپىلىرى
خىتايلار ھازىر رۇسىيىگە ئىنتىلمەكتە، بىراق، ئۇلار دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىشلىمەيۋاتىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇلار ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى خىتايغا ئېلىپ كېتىدۇ.
"ئەجدىھا يولى" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى يۇلىيا كالىنىنانىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر موسكۋادىكى خىتاي قارا قوللىرى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار چوڭ جەھەتتىن شىماللىقلار ۋە جەنۇبلۇقلار دېگەن ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان . بۇ ئىككى چوڭ گۇرۇپپىنىڭ تەركىبىدە يەنە بېيجىڭ گۇرۇھى، خاربىن گۇرۇھى، شاڭخەي گۇرۇھى، فۇجيەن گۇرۇھى ۋە جېجاڭ گۇرۇھى دېگەندەك بىر قانچە قارا قوللار شايكىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار ئۆزارا بىر بىرى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا سودا نۇقتىلىرى ۋە بۆلۈۋالغان تېررىتورىيىلىرى بار . موسكۋا شەھىرىنىڭ ئىزمايلوۋسكىي ۋە چېركىزوۋسكىي رايونلىرىدا "ئاسىيا مەھەللىسى" پەيدا قىلىنغان بولۇپ، خىتاي قارا قوللىرى بۇ جايلاردا قىمارخانىلارنى، پاھىشىخانىلارنى ئاچقان، بۇ يەردىكى خىتاي پاھىشىلىرى ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ماقالىدە يېزىلىشىچە، خىتاي قارا قوللىرى رۇسىيە سودىسىغا، جەمىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر كۈچكە ئايلانغان بولۇپ، بىر قىسىم رۇسىيە ئەمەلدارلىرى بۇ خىتايلاردىن پارا يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا چېقىلىشنى خالىمايدىكەن.
ماقالە ئاپتورى يۇلىيا كالىنىنا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 60 نەچچە نەپەر خىتاي قانۇنسىز كۆچمىنىنى مەجبۇرىي ھالدا رۇسىيىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، ئەمما بۇنچىلىك بىرەر قېتىملىق قوغلاپ چىقىرىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يەنە ھەر كۈنى مىڭلاپ خىتايلارنىڭ رۇسىيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن رۇسىيە جەمىيىتى ۋە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىرى ۋە جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرغان.
يىراق شەرقتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ئاشماقتا
مارىنا سېلىنىنا ۋە يېكاتىرىنا سېمېيونوۋا ئىسىملىك ئىككى نەپەر رۇس ئاپتورىنىڭ " مۇستەقىللىق گېزىتى" دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، يىراق شەرق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ كېلىۋاتقان جايلىرى بولۇپ، يىراق شەرقتىكى چىتا ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىغا تايانغاندا ،تاشقى بايقالدىكى 400 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە شەخسىي تىجارەتچىلەر خىتاي شىركەتلىرى ۋە خۇسۇسىيلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خىتايلارنى بۇ جايلارغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە مەزكۇر رايوندىكى خىتايلارنىڭ سانى تېز سۈرەتتە ئېشىپ كەتكەن. "2005-يىلىنىڭ ئىچىدىلا چىتا ئوبلاستىدىكى تاموزھنا ئۆتكىلىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئۆتۈپ، رۇسىيە تەۋەسىگە كىرگەن. چىتا ئوبلاستى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىنچ ئىشغال قىلىش دائىرىسىدىكى رايونلارنىڭ بىرىدۇر" دەپ يازىدۇ ماقالە ئاپتورلىرى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىراق ھۆكۈمەت تەرەپ خىتايلارنىڭ تىنچ ئىشغال قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشتىن باش تارتقان. رۇس ئاپتورلىرى خىتايلارنىڭ مۇنداق تېز كۆپىيىش ئەھۋالىنى "تىنچ ئىشغال قىلىش" دەپ ئاتاشماقتا.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، چىتا ئوبلاستىدىكى كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلار خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن كۆتىرىگە ئېلىنغان بولۇپ، ئىش نۇقتىلىرىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئىشچى خىتايلار ئىكەن. ھەتتا ئامازار يېزىسىدىكى تۈرلۈك ئىش ئورۇنلىرىنىڭ 80%نى خىتايلار ئىگىلىۋالغان. 2005-يىلى بىر خىتاي شىركىتى چىتا ئوبلاستىدىكى تۆمۈر تاۋلاش نۇقتىسىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، بۇ جايدا 4000 خىتاي ئىشچىسىنىڭ ئىشلىشى پىلانلىنىۋېتىپتۇ. ھازىر خىتاينىڭ چىتا ئوبلاستىغا مەبلەغ سېلىشىمۇ ئاشماقتا ئىكەن.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىتا ئوبلاستىدىكى ئاھالىلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىغان بولۇپ، كىشىلەر باشقا جايلارغا كۆچۈپ كەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بۇ رايوندىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ھەم باشقا ئورۇنلار كۆپلەپ خىتاي ئىشچىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. خىتايلارنىڭ ھەممە يەرلەرنى قاپلىشىدىن خاپا بولغان چىتا ئوبلاستىنىڭ خەلقى بۇ رايوننىڭ پات ئارىدا بىر خىتاي شەھرىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇپ، ھەتتا شەھەر مەركىزىگە خىتايچە خەتلەر ئويۇلغان بىر خاتىرە بەلگىسىمۇ ئورنىتىلغان ئىكەن.
چىتا ئوبلاستىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرىدىن ئۆتكەن خىتاي ساياھەتچىلىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ يېنىدىن پالتا قاتارلىق خەتەرلىك ئەسۋابلار چىققان، رۇسىيە تاموجنا خادىملىرى رۇسىيىگە دەم ئېلىشقا ماڭغان ساياھەتچى خىتايلار پالتىنى نېمە قىلىدىغاندۇ دېيىشىپ ھەيران قالغان، خىتايلارمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.
ماقالىدە يېزىلىشىچە، يىراق شەرق ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى يۇرىي ۋىكۇلوپ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، "خىتايلار ھازىر رۇسىيىگە ئىنتىلمەكتە، بىراق، ئۇلار دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىشلىمەيۋاتىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇلار ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى خىتايغا ئېلىپ كېتىدۇ" دېگەن.
رۇسىيىنىڭ "مۇستەقىللىق گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا بۇ يەردىكى خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى رۇسىيىلىكلەرگە ئاشكارا ھالدا" بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇرۇلۇش قۇرۇۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تىرىشىۋاتىمىز" دېگەن ئىكەن. رۇسلار بۇ سۆزلەرنى خىتايلارنىڭ كەلگۈسىدە بۇ جاينى "ئۆز يېرىمىز بولىدۇ" دەپ چۈشەنگەنلىكى دەپ قارىغان. دېمىسىمۇ، خىتاي تارىخ كىتابلىرىدا رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىردە يىراق شەرقتىكى كۆپلىگەن جۇڭگو زېمىنىنى تارتىۋالغانلىقى يېزىلىدۇ. (ئۈمىدۋار)