يېقىندا، بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن ھەمدە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشچىلىققا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىشلار بەرگەن ئىدۇق. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەكىتىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى يېزىلاردىكى يېشى 18دىن 25 ياشقىچە بولغان، توي قىلمىغان، چىرايلىق، كېلىشكەن قىزلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ كېتىلگەن. ئامالسىز قالغان بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ئىلاجى يوق تېخى توي قىلىش يېشىغا توشمىغان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن، تويىنى قىلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.
"ئۇسسۇلچى" قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى
دېمەك ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە، "دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى شىنجاڭ سىرتىغا يۆتكەش" دېگەن سىياسەت تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان نامرات دېھقان قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. يېقىندا خىتاي ئۆلكىسىدە ئوقەت قىلىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ياش رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۇرتى سەندۇڭغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر ياش ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە "ئۇسۇلچى قىز قوبۇل قىلىش" ھەققىدە، توختىماي ئېلان بېرىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بۇنداق ئېلانلارغا ئىشىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
يېرىم يالىڭاچ "ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللار"
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇر ياش بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوينىغان ئۇسۇلى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئوينىغان ئەرەبچە يېرىم يالىڭاچ ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر ئايال ھازىر ھەرقايسى تېلېۋىزورلاردا "ئۇسۇلچى قىز" ۋە مودېل قىز ئېلىش ھەققىدىكى ئېلانلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)