مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى رىقابىتى ۋە ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى
2005.05.11
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي كومپارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ما شياۋجۈننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورتىنىڭ يېرىمى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كېلىدىكەن. ھالبۇكى، ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى نېفىت مەنبەلىرى ۋە نېفىت توشۇش لىنىيىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا، خىتاي چوقۇم مۇۋاپىق ئىستراتېگىيىلىك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كرىزىس يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ نېفىت مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
ئېنېرگىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ۋە خىتاي توقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن
خىتاي مۇتەخەسسىسى ما شياۋجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالاككا بوغېزى ۋە جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزى ئەتراپى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھالبۇكى بۇ رايوندا پەقەت ئامېرىكىنىڭلا تەسىر كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىكەن.
يىغىنغا قاتناشقان يەنە بىر ئامېرىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىھتىياجى بارغانسىرى ئاشماقتا. بۇ يېقىندىن بۇيان، دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل ۋەزىيەت كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدىغان بولۇپ، چۈنكى ئامېرىكا ۋە خىتاي كەلگۈسىدە ئېنېرگىيە مەنبەسىنى تالىشىش سەۋەبىدىن توقۇنۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا جورجىيا شتاتىدىكى " جورجىيا پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور جون گېۋارنىڭ قارىشىچە بولسا، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ۋە ياكى توقۇنۇشۇشتەك ئىھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
"مېنىڭچە، نېفىت ساھەسىدە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەمكارلىشىش ئىھتىماللىقىمۇ بار، توقۇنۇشۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىمۇ بار. بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قانداق ئىستراتېگىيە يۈرگۈزىشىگە باغلىق. ئىككىلا دۆلەت ئىنتايىن چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتى. شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتە، ئىراق ۋە كۈۋەيت قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئەسلىدە ئۆز- ئارا ھەمكارلىشالىشى مۇمكىن. ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. ئىككى دۆلەت بىۋاستە، جىددى تۇتۇشۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى ناتايىن
ئۇ يەنە نېفىت مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:
" 1979 - يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە نېفىت يۆتكەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا خىتاينى بۇ تەرەپتە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغان. بىراق خىتاي بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. خىتاي بولسا، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى دەپ قاراۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ نېمە پايدا بار دەپ ئويلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىتى قىيىنچىلىققا ۋە ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا، ئۇ ھالدا ۋەزىيەت خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى ناتايىن".
خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتمەكتە
مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى گىڭ گۈرىچ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ۋە ئېنېرگىيە توشۇش لىنىيىسىنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئامىلىغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نېفىت توشۇش لىنىيىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە، ئامېرىكىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان بىر قەدەم ئىكەن.
ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراش
بىراق ئامېرىكا ھاۋايى شتاتىدىكى " ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەركىزى" نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئېلىزابېس دەيۋىسنىڭ قارىشىچە، ئېنېرگىيە مەسىلىسى چوقۇم ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇشى ناتايىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
"قىزىقارلىق يېرى، ئىككى ھەپتە ئاۋۋال مەن تېخى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇنىڭ سۆزلىرى كىشىنى ئىنتايىن رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ ئېنېرگىيە دېگەن بازاردىكى بىر خىل تاۋار. ئۇنىڭ باھاسى ۋە مەنبەسى بازار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شۇڭا نېفىت مەسىلىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولماسلىقى كېرەك دېدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا 70 - يىللاردىن كېيىنلا نېفىت مەنبەسىنى تارقاقلاشتۇرغان. خىتايمۇ ئۆزىنىڭ نېفىت مەنبەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت مەسىلىسىدە چوقۇم توقۇنۇشى ناتايىن. بىراق خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر قانچە مەسىلىلەر بار. خىتاي نېفىت ئىمپورتىدا ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرققە تايانغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ جىددىي نېفىت تەمىنات زاپىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ئىككى دۆلەت تەيۋەن مەسىلىسىدە توقۇنۇشۇپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان نېفىتىنى توسىۋالسا،قىسقا ۋاقىتلىق نېفىت كىرىزىسىمۇ خىتايغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي كومپارتىيە مەكتىپىنىڭ مائارىپ مۇدىرى لى شىڭ شەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە نېفىتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان باشقا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە جىددىلىكىنى ھەل قىلىشنى خالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بۇ ھەقتىكى تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرنى ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىمەسلىككە دەۋەت قىلغان.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يىغىننىڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان ئامېرىكىنىڭ سابىق ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئەبرىخەمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي نېفىت مەنبەسى تالىشىپ توقۇنۇشۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەخسۇس ئېنېرگىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان. ئەبرىخەمنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولالايدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نېفىت شىركەتلىرى كانادادا ھەرىكەتلەنمەكتە
- خىتاي-رۇسىيە-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسى
- پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسى
- خىتاينىڭ غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قېزىش ئىشلىرىنى تېزلەتمەكتە
- خىتاينىڭ نېفىت دپلوماتىيىسى ھەققىدە مۇلاھىزە