خىتاي بىلەن ياپوننىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى نەفىتلىك تالاش - تارتىشىدىن ئۇرۇش كېلىپ چىقامدۇ ياكى ھەمكارلىقمۇ؟


2005.09.13

"ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى" دا بايان قىلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شەرقىي دېڭىزدا، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تېرىتورىيە تالاش - تارتىشى بولىۋاتقان جايدا خىتاينىڭ 5 ھەربىي پاراخوتى پەيدا بولغان. بۇ ۋەقە خىتاي - ياپون ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي دېڭىز نېفىتلىكى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى تەكىتلەيدىغان كويزومى ئەپەندى ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ، قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا سايلانغان ۋاقىتتا يۈز بەردى. شۇنداقلا، دۇنيادا نېفىت باھاسى ھەدەپ ئۆرلەۋاتقان، ھىندىنوزىيە - سۇماترا ئاراللىرىدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىر مۇھىم تۈگۈنى بولغان مالاككا بوغۇزى بارغانسىرى ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسۈتۈۋاتقان بىر سەزگۈر پەيتتە يۈز بەردى.

"بوشۈن تور بېتى"دە ئېلان قىلىنغان مالاككا ئاراللىرىنى قوغداش جەھەتتىكى مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە 8 - ئايدا ئېلان قىلغان مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا، ياپونىيىنىڭ دېڭىزدىكى بىخەتەرلىكىنى قايتىدىن تەكىتلەپ، مالاككا ئاراللىرىنى قوغداشنى مۇھىم ئىشلار تەرتىپىگە كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە بۇ قاتناش يولىدىكى 16 دۆلەت بىلەن دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ ، مالاككا قاتناش يولىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

ياپونىيىنىڭ نېفىتكە بولغان ئىھتىياجى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ 50٪ يېقىلغۇ ئىھتىياجى ھازىر نېفىت بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. ئۇ سەرپ قىلىدىغان نېفىتنىڭ 90٪ نى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىدۇ. دېڭىزدىكى قاتناش يولىنىڭ راۋان بولۇشى ياپونىينىڭ ئېنېرگىيە ستراتېگىيىسىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ھىندىنوزىيە - سۇماترا ئاراللىرىدىكى مالاككا بوغۇزى بىر ھېساپتا ياپونىيىنىڭ جان تومۇرى دەپ ھېسابلىنىدۇ.

"يەرشارى ۋاقىت گېئىزىتى"ئە بايان قىلىنىشىچە، 90 - يىللاردىن بۇرۇن، خىتاي ياپونىيىگە نېفىت ئېكىسپورت قىلاتتى. ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېفىتنى خىتايدىن سېتىۋېلىشقا مۇمكىن بولسا، يىراقتىن ئىمپورت قىلىش ھاجەتسىز بولغانلىقتىن، شۇڭلاشقا ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. 1993 - يىلىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ نېفىتكە بولغان ئىھتىياجى ئېشىپ ياپونىيىگە نېفىت بەرمەيدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە نېفىت مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ئوتتۇرا شەرقتىن ۋە باشقا جايلاردىن ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولۇپلا قالماي، بەلكى خىتاي بىلەن نېفىت ئىمپورت قىلىشتا رېقابەتلىشىدىغان بولدى. 1971 - يىلى ئامېرىكا ئوكىناۋا، سەنكاكۇ ئاراللىرنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئاراللارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولۇپ كەلگەنلىكتىن، بۇ رىقابەتكە جىددىيلىك قوشۇپ تۇراتتى. خىتاي ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرغانسىرى، ئۇنىڭ نېفىتكە بولغان ئىھتىياجى شۇنچە ئاشتى. بارا - بارا چەتئەللەردىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ئۆزىنىڭ نېفىت مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقىي دېڭىزدا نېفىت قىدىرىشقا باشلىدى

"يول ئاچقۇچىلار گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان بايانلارغا ئاساسلانغاندا، 2003 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 5 چوڭ شىركەت، يەنى خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان نېفىت شىركىتى 30٪، خىتاي نېفىت - خېمىيە شىركىتى 20٪، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە شېيل گۇروھىغا قاراشلىق پەكستون شىركىتى 20٪، ئامېرىكىنىڭ يۇنىكول شىركىتى 20٪ پاي قوشۇپ شەرقى دېڭىزدا تەبىئى گاز ئېچىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 90 - يىللاردىلا شەرقىي دېڭىزدا 20 مىليارد توننا گاز زاپىسى بارلىقىنى بايقىغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر "چۈنشاۋ نېفىتلىكى" دەپ ئاتاۋاتقان بۇ نېفىتلىك دەل شەرقى دېڭىزدىكى خىتاي - ياپون ئوتتۇرىسدا تېررىتورىيە تەۋەلىكى تېخىچە تالاش - تارتىشتا تۇرىۋاتقان جايدا.

"ياپونىيە خىتاينى چۈنشاۋ نېفىتلىكىگە 5 ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئېيىپلىدى" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دېڭىز - ئوكيان نېفىت شىركىتى ئۆتكەن ئايدا "چۈنشاۋ نېفىتلىكى 9 - ئاينىڭ بېشىدا ئىشلەپچىقىئىرشقا كىرىشىپ، 10 - ئايدىن باشلاش نىڭبو شەھىرىنى تەبىئى گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدۇ" دەپ جاكارلىغان ئىكەن.

"ئەركىنلىك گېزىتى"دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي دېڭىزدىكى تېررىتورىيە تەۋەلىكى تالاش - تارتىشتا تۇرىۋاتقان جايدا 5 ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي - ياپون مۇناسىۋىتىدە داۋاملىشىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسى يوقۇرىي ئۆرلىگەن. ئەمدى خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تېرىتورىيە مەسىلىسى تالاش - تارتىشتا تۇرىۋاتقان ئاراللارنى پۈتۈنلەي ئىگەللىۋېلىپ، بۇ دائىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دېڭىز - ئوكيانلارغا كېڭىيىپ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىش دېگەن شۇئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلامدۇ ياكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى نېفىتلىك تالاش - تارتىشىدىن چوڭ ھەمكارلىق كېلىپ چىقامدۇ دېگەن مەسىلە ھازىر كىشىلەرنىڭ مۇھاكىمە نوقتىسىغا ئايلاندى. (تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.