مۇھىت ئاسراشقا خۇددى نېفىت ئاچقانغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

0:00 / 0:00

7 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى، "شىنخۇا تورى" ، "تەڭرىتاغ تورى" دېگەن تور بەتلىرىدە تارىم نېفىتلىكى توغرىسىدا ئىككى خەۋەر ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا نېفىت سانائىتى 1990 ‏- يىللاردا "شەرقنى مۇقىملاپ، غەربنى ئېچىش" دېگەن ستراتېگىيە بۇيىچە تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئىدى. كېيىن تارىم، جۇڭغارىيە ۋە تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقلىرىدا نېفىت قېدىرىش -ئېچىش ناھايىتى تىز تەرەققى قىلغانلىقتىن، غەرب نېفىتىنىڭ خىتايدا تۇتقان ئورنى ئۆزگەردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ نېفىت سانائىتى ئاساسلىق سانائەت بولۇپ قالدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 90 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت كىرىمى ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10% گە يەتمەيتتى. 2005 ‏- يىلىغا كەلگەندە 22% كە يەتكەن. خىتاي نېفىت تارماقلىرىنىڭ بۇيىل باش يېرىم يىلدا قايتىدىن ئېنىقلىشىچە، شىمالى تارىم نېفتلىكلىرىدە 925 مىليارد توننا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى بار ئىكەن. بۇ رايون ھازىر خىتاي نېفىت سانائىتىنىڭ ئۈمىد دېڭىزى"غا ئايلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ "غەربنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى شەرققە يۆتكەشپىلانىنى يىگىرمە يىلغىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

ھازىر شۋېتسىيىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۆزى بۇرۇن ئۈرۈمچىدە نېفىت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى ئەپەندى تارىم ئويمانلىقىدا ئېچىلىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەققىدە، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېفىت ئاچقان رايونلاردا مۇھىت ئاسراشقا خۇددى نېفىت ئاچقانغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.