ئەنجان ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى

ئۆتكەن يىلى 5‏- ئاينىڭ 13‏- كۈنى ئۆزبېكىستان ھەربىي قىسىملىرى ئەنجان شەھىرىدە ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇردى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرلىرى، باستۇرۇش جەريانىدا، كۆپىنچىسى رادىكال مۇسۇلمان 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن ۋەقە شاھىتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنجان شەھىرىدىكى باستۇرۇشتا ئۆزبېكىستان ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى 1000 كىشىگە يېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىگۇناھ ئۆزبېك پۇقرالىرى بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا نۇرغۇن ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بار ئىكەن.

غەربنىڭ بېسىمى ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقە ھەققىدە خەلقئارالىق تەرەپسىز بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلىغان.

ئەنجان ۋەقەسى ئۆزبېكىستان تاشقى سىياسىتىدە چوڭ بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا، خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە يول ئاچتى.

ئەنجاندىكى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىسلام كەرىموف ھۆكۈمىتى ئۆزىگە يېڭى دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىزدەشكە باشلىدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىدى.

ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۆزبېك - خىتاي ۋە ئۆزبېك رۇس مۇناسىۋىتى

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئىسلام كەرىموفنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خانئاباد ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلىرىنى ئالتە ئاي ئىچىدە چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى. شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، غەرب ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ئۆزبېكىستاندىن چىقىرىشقا باشلىدى.

بۇ ئارىدا، ئىسلام كەرىموف رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇشنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كەرىموف موسكۋادا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ سادىق دوستى دەپ كۆرسەتتى.

گەرچە ئىسلام كەرىموف، ئۆزبېكىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېك ئۆكتىچى پارتىيىلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. (قانات)