80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېنسكلوپېدىيىسىنى يورۇقلۇققا چىقىرىش تەكلىپى بىلەن، "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" دە ئۇيغۇر ئېنسكلوپېدىيىسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ئىشقا مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان ئىدى.
ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ئىشقا جىددى تۇتۇش قىلىشى نەتىجىسىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنسكلوپېدىيىنىڭ بىرىنچى تومىنىڭ سىناق نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ، جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. خىتاي دائىرىلىرى بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئۇيغۇر ئېنسكلوپېدىيىسىنى توختىتىپ قويدى ۋە بۇنىڭغا ئاجرىتىلغان مەخسۇس پۇلنى قازاق ئېنسكلوپېدىيىسىگە ئاجراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېنسكلوپېدىيىسى بوسۇغىدا تۇنجۇقتۇرۇلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېنسكلوپېدىيىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، تەپسىلى مەمۇلات ئىگىلىدى.