ئەركىن ئالپتېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەسىلىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجەتنامە يوللىدى
2006.02.10
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، دۇنيا ئىسلام يىغىنى تەشكىلاتىغا يەنى ئىسلام كونفىرانسىغا مۇراجەتنامە يوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، مەزكۇر تەشكىلاتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇشقا شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىمى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياش – ئۆسمۈرلەر تەلىم – تەربىيە كۇرسى ياۋروپادا كېڭەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۇتقۇن قىلماقتا
- خىتاي زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سىياسەت ھەققىدىكى قاراشلىرى









