ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان
2007.02.12
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار تۆت ئەتراپى خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى بىلەن قورشالغان ھالدا، سىقىنچى ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى قوللىنالمايدۇ، مەكتەپلەردە ئۆز تىلىدا دەرس ئاڭلىيالمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ مەتبۇئاتى يوق، پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ھالەتتە ياشايدۇ، ئەركىنلىك يوق.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر رەھبەرلەر قورچاققا ئايلاندۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى ئۇيغۇر، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا گېپىنى قىلىدۇ، بىر ئىش بولسىلا سىياسىيغا چېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىزلا "تېررورچى" لارغا چېتىپ ئېيىبلەيدۇ.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى "مىللىي كۆرۈنۈش" لەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ مەبلەغ سېلىپ ياساپ چىقىلغان "مىللىي شەكىل". نورمال ئەھۋالدا ساپ ئۇيغۇرلار بىر سەھنىدە توپلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرچە سۆلەپ، بەختلىك ھالدا كۈلۈپ - يايراپ كېتىدىغان ئەھۋال يوق، بۇ پەقەت چەتئەللەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ داد-پەريادىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان شەكىل.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا بوزەك قىلىدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئىناق ئۆتىۋاتقىنى يوق. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاچچىقىنى يۇتۇشتىن ئۆزگە ئامال يوق.
رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە ياردەملىشىۋاتقان كىشىلەر پەقەت خىتاي كىچىكىدىن تارتىپ شەكلى ئۇيغۇر مىجەزى خىتاي قىلىپ تەربىيىلەپ، مەنپەئەتدار قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەش بىلەن بىللە ئۇلارنى تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ؟
- ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۆزىنى "خىتاي" دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ
- خىتاي ئۇيغۇرلاردىن "ئۈچكە ئېتىبار بېرىش" نى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا
- ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان "شەرق شامىلى" قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان بەربات بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن غەلىبە قىلامدۇ؟
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتى غەلبە قازىنالامدۇ؟
- "شىنجاڭ گېزىتى"دە ئېيتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ماركىسىزم بىلەن قوراللاندۇرۇش ھازىر رىقابەتكە دۇچ كەلگەن