0:00 / 0:00
ئىگىلىشىمىزچە ، يۈننەن ئايرودرومىدا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەپ تۇتۇلۇپ قالغان 25 ئايال ۋە 4 نەپەر كىچىك بالا ئۇيغۇر ئىكەن، بۇ ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىل جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا. بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى نېمە ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىدى، ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قانداق چۈشىنىدۇ؟
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.