خىتايدا ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغان


2005.12.08

خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدىكى خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا پېنسىيىگە چىققان بىر ئىشچى 67 كۈن داۋالىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇ داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن 5 مىليون 500 مىڭ يۈئەن پۇل تاپشۇرغان بىر غەلىتە ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقە "شىنجىنباۋ گېزىتى" دە پاش قىلىنغان. يېقىندا "يېڭى ئەسىر جۇرنىلى"دا خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئىقتىسادشۇناس چى يەنچېن ئەپەندى، خوڭكوڭدىكى سىياسى مۇلاھىزىچى ليۇفۇسەن ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورلىرى ئېلان قىلىندى.

خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئىقتىسادشۇناس چى يەنچېن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2 - دوختۇرخانىدا 67 كۈن داۋالانغان بىر كىشىگە 88 كۈنلۈك داۋالاش ھەققى ھېسابلانغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن 5 مىليون 500 مىڭ يۈئەن تاپشۇرغانلىقىنىڭ جەريانى بىر غەلىتە ۋەقە. تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ ۋەقە مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، بىمارنى داۋالىغان مەسئۇل دوختۇر ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقەنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلاش ناھايىتى قىيىن بولۇشى مۇمكىن.

كەسپىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى

ئىقتىسادشۇناس چى يەنچېن ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئىنسانىيەتتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك كەسپىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى سىياسىي ئەخلاق، قانۇنىي ئەخلاقى، داۋالاش ئەخلاقى دېگەندىن ئىبارەت 3 چوڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسىي، كىشىلەرنى كەلگۈسىگە قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن بەختلىك ياشايدىغان قىلىشنى كۆزلەيدۇ. ئەگەر سىياسىي ئەخلاق بۇزۇلسا، ئىنسانىيەتتە ئېتىقات كرىزىسى پەيدا بولۇپ، كىشىلەردە ئۆز - ئارا ئىشەنچ يوقىلىدۇ، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك داۋالغۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. قانۇن كىشىلەرنىڭ تەرتىپلىك ياشىشىنى ۋە قولغا كەلتۈرىدىغان مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر قانۇنىي ئەخلاق بۇزۇلسا، جەمئىيەتتە ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقازمايدىغان، ئىنسانپەرۋەرلىك تۈگىگەن ھالەت شەكىللىنىدۇ. داۋالاش ساھەسى كىشىلەرنىڭ ھايات تۇرۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر داۋالاش ئەخلاقى بۇزۇلسا، جەمئىيەتتە ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەتتا زىيانكەشلىك قىلىۋېرىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.

خىتايدا ھازىر سىياسى ساھە خەلققە جىنايەت توقۇيدۇ، خەلقنىڭ ئېتىقادىنى چەكلەيدۇ، ئەمەلدارلىرى خىيانەتچى. سىياسىي قانۇن پۈتۈن جەمئىيەتكە بىپەرۋالىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىدىن جەمئىيەتتڭ قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ، قانلىق ئۆچ ئېلىش ۋەقەلىرى كېلىپ چىقماقتا. داۋالاش ساھەسىدە بولسا، كىشىلەرنىڭ ھاياتلىقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھادىسىلەر ئېغىر. يۇقارقىلار خىتايدا ئىنسانىيەتتە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىسىمۇ بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى. بۇ ھازىر پۈتۈن جەمئىيەتنى مەنتىقە جەھەتتىن بۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك پارتلاش ھالىتىگە باشلىماقتا.

ئەقىلگە سىغقۇسىز داۋالاش ھەققى

خوڭكوڭدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ فۇسەننىڭ بايان قىلىشىچە، خاربىن شەھىرىدە پېنسىيىگە چىققان 74 ياشلىق ۋېن فامىلىلىك بىر ئىشچى يامان خاراكتېرلىك لىمفا ئۆسمىسى كېسىلى بىلەن خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2 - دوختۇرخانىدا 67 كۈن داۋالانغانلىقى ئۈچۈن 1 مىليون 397 مىڭ يۈئەن نەق پۇل تاپشۇرغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 4 مىليون يۈئەنلىك دورا سېتىۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

دېمەك دوختۇرخانا ئۇنىڭدىن جەمئىي 5 مىليون 500 مىڭ يۈئەن پۇل ئالغان. پۇل ئېلىش تالۇنىدىكى تىزىملىك بەكلا غەلىتە. 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بىمارغا 22 مىڭ 197 يۈئەنلىك قان سالغان. شۇ كۈنى بىمارغا تومۇرىدىن 106 بوتۇلكا تۇزلۇق سۇ ماڭغۇزۇلغان. بۇ ئادەم بەدىنىگە قانداق سىغىدۇ؟ بۇ قەدەر كۆپ سۇيۇقلۇق ئادەمگە ئەمەس پەقەت دېڭىزدىكى ئەڭ كېلەڭسىز ھايۋان ھېسابلىنىدىغان كىتقا مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن. تالۇنلاردا خاتىرىلەنگەن تىزىملىك ناھايىتى ئېنىق، ئەمما شۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىمارنىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىلگەنمۇ ياكى باشقا كىشىلەرگىمۇ، بۇ نى باش سېسترا ئۇقمايدۇ، مەسئۇل دوختۇر ئۇقمايدۇ، پراكتىكانت دوختۇرمۇ ئۇقمايدۇ. پېنسىيىگە چىققان 74 ياشلىق بۇ بىماردا شۇنچىلىك پۇل بارلىقىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما تالۇننىڭ ھەممىسىدە بىمارنىڭ ئىمزاسى بار. خاربىندىكى بۇ دوختۇرخانىدا پېنسىيىگە چىققان بىر ئىشچىدىن شۇقەدەر كۆپ پۇل "تاپشۇرۇۋېلىپ" يولغا قويۇلغان بۇنداق "داۋالاشنىڭ" سىرىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىمۇ بىلىشكە ئالدىرىغان.

مۇلاھىزىچى ليۇفۇسەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەمەلدارلار ئادەم باستۇرۇۋەتكەن مېرسىدېس ۋەقەسى، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەپ سېتىش ۋەقەسى ، 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن نىڭئەن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەقەسى ، 161 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چىتەيخې كۆمۈر كېنى ۋەقەسى، سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بۇلغىنىش ۋەقەسى دېگەندەك بىر قاتار چوڭ مۆجىزىلەر يۈز بەرگەن ئىدى. ئەمدى خاربىن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا يەنە پېنسىيىگە چىققان بىر ئىشچى 67 كۈن داۋالىنىپ ئۆلگەندە 5 مىليون 500 مىڭ يۈئەن داۋالاش ھەققى تۆلىگەن يەنە بىر مۇجىزە يۈز بەرگەن. بۇنداق ئىنسانىيەت قوبۇل قىلالمايدىغان "مۆجىزىلەر" نى خۇددى ماۋزېدوڭ دېگەندەك، دۇنيادا ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ھەر قانداق مۇجىزە خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئادەتتە ئىجات قىلىنىۋىرىدۇ، دېگەن سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولسا كېرەك. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.