قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ئۇيغۇر ۋەكىلى ئەخمەتجان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى


2005.06.16

8-ئىيۇن كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان شادىنىئوفنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

سۆھبەت جەريانىدا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر ۋەكىلى ئەخمەتجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارنى ئىگىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.