خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە


2005.08.05

worldaids_200.jpg
ھىسدىنتاندىكى شاكتى ۋاھىنى ناملىق ئاممىۋىي گرۇپ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھارپىسىدا يېڭى دېھلىدا شام ياندۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.AFP رەسىمى

كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە خىتايدىكى ئەيدىز يېتىملەر سانى ھازىرقى 76 مىڭدىن 266 مىڭغا ئۆرلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان 15 ياشتىن تۆۋە ن، ئاپىسى ياكى دادىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى ھازىرنىڭ ئۆزىدە 76 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ 2010 - يىلىغا بارغاندا، ئاتا - ئانىسى ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن يېتىم قالغان بالىلار سانى ھازىرقىدىن 3 يېرىم ھەسسە كۆپىيىدىكەن.

ئەيدىز يېتىملىرى كۆپەيمەكتە

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاتا - ئانىلار نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەزكۇر رايوندىكى سەھىيە نازارىتىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئەيدىز بۆلۈمى مەسئۇلى گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ: "يېقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تەبىئىي ھالدا ئۆرلىتىۋاتىدۇ. بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئۆلگەنلەردىن يېتىم قالغان بالىلار سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي، ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت

كۆپلىگەن ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە: خىتاي دۇنيا بويىچە ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتايدىكى "كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كومىتېتى يېقىندا، بۇھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ھازىر ئەيدىز يېتىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بالىلار سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئاشقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەيلى روھىي جەھەتتە بولسۇن ياكى تۇرمۇش جەھەتتە بولسۇن، جەمئىيەت ۋە باشقىلار تەرىپىدىن زور بېسىم ۋە كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكىدىكى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەيدىز مۇتەخەسسىسى بېيرە كرۈس ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسى خىتايدا ھەقىقەتەن ئېغىر، چۈنكى خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى توي قىلغان ئاتا - ئانىلار" دەپ كۆرسەتتى.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز مۇتەخەسسىسى بېيرە كرۈس ئەپەندى سۆزىدە يەنە : "شۇنىسى ئېنىق بولۇش كېرەككى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار ۋە ئەيدىز يېتىملىرى دېگىنىمىز بىر - بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. يەنى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئەيدىز بىمارى بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەيدىز بولۇشى ناتايىن، پەقەت تۇغۇلغاندا ئانىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى بار، لېكىن كۆپ ساندىكى بالىلار ئاتا- ئانىسى ئەيدىز بولغانلىقتىنلا ئەيدىز بولۇپ قالمايدۇ. " دەپ تەكىتلىدى:

"خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس بالىلارنى داۋالايدىغان ئەيدىز دوختۇرىنى كۆپلەپ تەربىيىلىشى كېرەك"

ئەيدىز مۇتەخەسسىسى بېيرە كرۈس ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە : خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار سانىنىڭمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " خىتايدا ھازىر مەخسۇس بالىلارنى داۋالايدىغان ئەيدىز دوختۇرلىرى يوق دىيەرلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە دەرھال جىددىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، يەنى مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنى داۋالايدىغان بالىلار دوختۇرى، بالىلار سېستىراسى ۋە بالىلار دورىگەرلىرىنى كۆپلەپ تەربىيىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن، ئەھۋال تېخىمۇ بەك ئېغىرلىشىدۇ" دەپ كۆسەتتى.

خىتايدا، تا بۈگۈنگە قەدەر بالىلارغا خاس بولغان ئەيدىزنى داۋالاش دورىسى يوق

27 - ئىيۇل كۈنى تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىچىدە تۈنجى تۈركۈمدىكى 200 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنى، مەخسۇس بالىلارغا خاس بولغان دورا بىلەن داۋالاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن كۆپلىگەن ئەيدىز مۇتەخەسسىس ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا، تا بۈگۈنگە قەدەر مەخسۇس بالىلارنى داۋالايدىغان ئەيدىز دورىسى يوق ئىكەن.

يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان داڭلىق ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، " ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىلغان دورا بولمىغانلىقتىن، بالىلار ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەن چاغلىرىدا، ئىلاجى يوق چوڭلار ئىچىدىغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىچمەكتە، لېكىن بۇ خىل دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك، ئادەتتە چوڭلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بالىلار بولسا، بۇ خىل دورىنى ئىچكەندىن كېيىن، بېشى قېيىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ، تېخىمۇ قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي سەھىيە مىنىستېرلىقى يېقىندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار ۋە ئاتا - ئانىسىز قالغان ئەيدىز يېتىملىرى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاخىرىغىچە، يېڭى قانۇن تۈزۈپ چىقماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. (مېھرىبان).

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.