ئەزەربەيجاندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

10-ئاينىڭ 17-كۇنىدىن 19-كۇنىگىچە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدە ' تۇركلەرنىڭ ئورتاق ئۆتمۈشىدىن كېلەچىكىگە` ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، تۇركمەنىستان ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈركولوگلار ۋە فولكلورشۇناسلار قاتناشقان. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مۇستافا ۋۇگار ئۆمەروغلۇ ئۇيغۇر تۇركلىرىدە نورۇز ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان. بۇ ماقالە يىغىندا قاتتىق تالاش ‏- تارتىشقا يول ئاچقان.

بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۇنداقلا مۇستافا ۋۇگار ئۆمەروغلۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن ئۇ كىشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك مۇستافا ۋۇگار ئۆمەروغلۇ ئەپەندىم ئەزەربەيجاندا ئۆتكۇزۇلگەن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

10-ئاينىڭ 17-كۇنىدىن 19-كۇنىگىچە ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە تۇركلەرنىڭ ئورتاق ئۆتمۇشىدىن كېلەچىكىگە ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزۇلدى. بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، تۇركمەنىستان ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تۇركولوگلار ۋە فولكلورشۇناسلار قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان مەشھۇر تۇركىئولوگلارمۇ بار. مەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدىم، مېنىڭ سۆزۇم كونفىرانس ئەھلىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك ۋۇگار ئۆمەروغلۇ ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپسىز، نېمە تېمىدا سۆزلىدىڭىز؟

`ئۇيغۇر تۇركلىرىدە نورۇز ئەنئەنىسى` ناملىق ئىلمىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم. ھەممەيلەنگە 15 مىنۇتتىن سۆزلەش ھەققى بېرىلگەن بولسىمۇ، مەن ئۇيغۇر تۇركلىرىدە نورۇز ئەنئەنىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىق مەسىلەر ئۈستىدە توختالدىم، بۇ تېما يىغىندا قاتتىق تالاش ‏- تارتىش كەلتۇرۇپ چىقاردى. شۇڭا ماڭا 52 مىنۇت ۋاقىت بېرىلدى. مەن ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئەزەربەيجان فولكلورىنى بىر ‏- بىرىگە سېلىشتۇرۇپ چىقتىم، بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇگۇنكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالدىم. يىغىن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. مەن ماقالەمدە ئۇيغۇرلاردىكى نورۇزنىڭ مىلادىدىن بۇرۇندىن بۇگۈنگىچە داۋاملىق قۇتلۇقلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاتتىم.

ئەركىن تارىم : ئۇنداقتا ئەزەربەيجانلىقلاردىكى نورۇز بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نورۇز ئوتتۇرىسىدا قانداق ئورتاقلىقلار بار؟

مەن ئەسلىدە غەربىي ئەزەربەيجاندا تۇغۇلغان. 18-20 يىلدىن بېرى باكۇدا تۇرۇۋاتىمەن. مەن تۇغۇلغان يەردە ئۇيغۇرلاردىكىگە ئوخشاش مەشرەپ بار. ئوغلاق تارتىشىش، كويزا تانسى دېگەنگە ئوخشاش ئەنئەنىلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەركىن تارىم : بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا پۇتۇن تۇركىي مىللەتلەردىن تەتقىقاتچىلار قاتنىشىدۇ، سىزچە بۇ خىل يىغىنلارنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتى يوق. بۇ خىل يىغىنلار ئۇزۇن يىللار ئايرىم يەرلەردە ياشىغان قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئۆز ‏- ئارا يېقىنلىشىشى، بىر ‏- بىرىنى چۈشىنىشى، ھەمكارلىشىشى، بۈگۇن خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، فولكلورى، بۈگۇنكى ۋەزىيىتىنى ئۆگىنىش ئۇچۇن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك ۋۇگار ئومەروغلۇ ئەپەندى سىز ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتامسىز؟

ھە شۇنداق. 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئۇيغۇر ماقال ‏- تەمسىللىرى ۋە مەسەللەر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرلىرى ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك بىر ئەسەر تەييارلىدىم، خۇدايىم بۇيرىسا يېقىندا چىقىدۇ. ئۇيغۇرچە ‏- ئەزەربەيجانچە، ئەزەربەيجانچە - ئۇيغۇرچە بىر لۇغەتمۇ تەييارلىدىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ناملىق 100 بەتلىك كىتاب يازدىم. ئۇيغۇر 12 مۇقامى ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا كۆپ قېيىنچىلىقىمىز بار.

ئەركىن تارىم : ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى قېيىنچىلىقىڭىز نېمە؟

ئۇيغۇرلار تەتقىقاتى جەريانىدىكى قېيىنچىلىقىمىز كىتاب ۋە ماتېرىياللارنىڭ كەمچىل بولۇشى. مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماتېرىيال توپلاش ئۇچۇن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا خەت يازدىم، ئەمما ھېچ بىرىسىدىن جاۋاب كەلمىدى. ئەزەربەيجاندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە موسكۋادا ۋە قازاقىستاندا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قانچە كىتابتىن باشقا ئەسەر يوق.

شۇڭلاشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىزلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنى، بىزنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەزەربەيجان يېڭى قۇرۇلغان مۇستەقىل تۇرك دۆلىتى، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش، بۇ يەردىمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيتىنى، تىلىنى بۈگۇنكى ۋەزىيىتىنى قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىغە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۇشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. (ئەركىن تارىم)