خاۋ فېڭجۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيىقەستىنى ئاشكارىلىدى

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ، يەنى مەخسۇس فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى باستۇرۇپ، ئۇلارغا سۈيقەست قىلىدىغان ئىشخانىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقى يېقىندا نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئاشكارىلاندى.

خىتاي ئىشپىيونلىرى چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىدۇ

ئەينى چاغدا، دەل مۇشۇ ئىشخانىدا ئىشلىگەن، بۇ يىل نۇرغۇن ئىچكى ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، ھازىر ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاۋ فىڭجۈن يېقىندا، كۆپلىگەن مەتبۇئاتلارغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەخسۇس فالۇنگۇڭ ئەزالىرىغا سۈيقەست قىلىش ئۈچۈن قۇرغان بۇ 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ بارلىق مەخپىيەتلىكلىرىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ھەر يىلى دېگىدەك ھەر قايسى دۆلەتلەرگە مىڭلىغان ئىشپىيون ئەۋەتىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاۋ فىڭجۈن ئۆزىنىڭ خىتايدىكى چېغىدا نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپلا دەسلەپتە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى، كېيىن تەشكىلنىڭ بۇيرۇقى بويىچە 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىغا بېرىپ، مەخسۇس فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى جازالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان فالۇنگۇڭچىلارنىڭ ئۇنىڭ كۈز ئالدىدا ساقچىلار تەرىپىدىن زەخمىلەندۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ " ئەشۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن خۇددى دوزاققا ئوخشاش، ھەر بىر ئويلىغىنىمدا بەكمۇ ئېچىنىمەن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل فاشىست قىلمىشلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي قانۇنىغا توغرا كەلمەيدىغان 610 – نومۇرلۇق ئىشخانا

خاۋ فىڭجۈننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا 1999 - يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭغا " فالۇنگۇڭ مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى" دەپ نام قويۇلغان. كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا " فالۇنگۇڭ مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى" نامىدا كۆپلىگەن تارماقلارنى قۇرغان. 610 - نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي قانۇنىغىمۇ توغرا كەلمىگەنلىكتىن، ئۇ پەقەت " پارتىيە ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن" دەپ بېكىتىلگەن. لېكىن مەزكۇر ئىشخانا فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى باستۇرۇشتا ئىنتايىن زور ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، داۋاملىق ئۆز ئالدىغىلا تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا يوشۇرۇن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ خىل ھەرىكەتلەر ھېچقانداق قانۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان.

مەسىلەن: مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ھەر يىلى دىگىدەك 3000 غا يېقىن فالۇنگۇڭ ئەزاسىنى تۇتۇش، قاماش ۋە جازالاش دېگەندەك ۋەزىپىسى بار بولۇپ، خاۋ فېڭجۈن قاتارلىق ئىشخانا خادىملىرى بۇ ۋەزىپىلەرنى ھەر خىل ئاماللار ئارقىلىق چوقۇم بېكىتىلگەن ۋاقىت ئىچىدە تۈگىتىشى كېرەك ئىكەن.

شۈ تەنگاڭ: خاۋ فېڭجۈننىڭ قىلغىنى ناھايىتى ئۇلۇق بىر ھەرىكەت

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئامېرىكىدىكى فالۇنگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شۈ تەنگاڭ ئەپەندى، ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاۋ فېڭجۈن ۋە چېن يۇڭلىنلارنىڭ ئۆز شەخسى مەنپەئەتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى " ناھايىتى ئۇلۇق بىر ھەرىكەت" دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇلاردىن چوڭقۇر مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى فالۇنگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شۈ تەنگاڭ ئەپەندى، سۆھبەت جەريانىدا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ، خاۋ فېڭجۈن دەپ ئۆتكەن 610 - نومۇرلۇق ئىشخانا ئېلىپ بارغان بۇ خىل فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى قىيناش ھەرىكەتلىرىدىن بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئاز- تولا خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ھازىر بولسا تېخىمۇ ئېنىق پاكىتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فالۇنگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شۈ تەنگاڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئاۋسترالىيىگىلا ئەمەس بەلكى كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگىمۇ ئىشپىيون ئەۋەتىپ، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچى ۋە فالۇنگۇڭچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەريىلى ئاجراتقان دۆلەت خىراجىتىنىڭ 4 تىن بىرىنى فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى باستۇرۇش ۋە چەتئەللەردىكى ئۆكتىچىلەرنى كۆزىتىشكە سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

خىتايدىن قېچىپ چىقىپ ئاۋسترالىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خاۋ فېڭجۈن ۋە چېن يۇڭلىنلارنىڭ دۆنيا خەلقىغە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلىشى، پەقەت ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيانى زىل - زىلىغا كەلتۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكتىن، 610 – ئىشخانا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان خاۋ فېڭجۈننى " كومپارتىيىگە قارشى چىققان ئەكسىلئىنقىلابچى" دەپ ئەيىبلىدى. (مېھرىبان)