تۈركىيىدىكى فامىلە ناملىرى ۋە ئۇيغۇرلار


2005.10.18

famile-Murat-Sayliq.jpg
ئەركىن تارىم دوختور مۇرات سايلىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقتا. RFA

تۈركىيىدە فامىلىسى ئۇيغۇر، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا ۋە سايلىق كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىز. بۇلاردىن فامىلىڭىز نەدىن كېلىپ چىققان؟ نېمە ئۈچۈن بۇ فامىلىنى ئىشلىتىسىز؟ دەپ سورىغىنىڭىزدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەنلىكىنى دېيىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان كىشىلەرمۇ بار. مانا بۇلاردىن بىرى ئىستانبۇل ئىستىنيە دوختۇرخانىسى دوختۇرى مۇرات سايلىق ئەپەندىدۇر.

مۇرات سايلىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ فامىلىسىنىڭ قەشقەر يېڭىسار ناھىيىسىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇ يەردىن كېلىپ تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى دىيارباقىر دېگەن يەرگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە بىر ئۇيغۇر دوختورى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى بەك ياخشى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ كۆز دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز داۋالاپ قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ دوختۇر مۇرات سايلىق ئەپەندى ۋە تېگى يېڭىسارنىڭ سايلىق يېزىسىدىن بولغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.