رۇسىيىدە فاشىستلىق ھەرىكەتلەر كۈچەيمەكتە
2005.05.03
رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-ماي كۈنى موسكۋا شەھىرىگە زىيارەتكە كەلگەن ئىككى نەپەر ئالجىرىيە ھەربىي خادىمى فاشىسىتلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈلگەن. رۇسىيە خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا رۇسىيە فاشىستلىرى ئاساسەن دېگۈدەك قارا تەنلىكلەر، قارا چاچلىقلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ رۇسىيە شەھەرلىرىدە، بولۇپمۇ موسكۋا ۋە سناكىت پېتېربۇرگدا دائىم ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈلۈش ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەتتا رۇسىيىگە خىزمەت بىلەن كەلگەن ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك دىپلوماتلارمۇ فاشىستلار تەرىپىدىن زەخمىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، موسكۋانىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا 2004-يىلى رۇسىيىدە فاشىستلار تەرىپىدىن بىر قانچە يۈز قېتىم باشقا مىللەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش ھەمدە 40 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سادىر قىلىنغان . قارا تەنلىكلەر، قارا چاچلىقلارنىڭ رۇسىيە شەھەرلىرىدە ئەركىن يۈرەلمەسلىك ۋەزىيىتى شەكىللىنىشكە يۈزلەنگەن.
رۇسىيىدىكى فاشىستلار قانداق نەرسە؟
رۇسىيىدىكى ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا رۇسىيىدىكى فاشىستلار ئادەتتە "ئايپاڭ باشلار" دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بوغانلارنىڭ ھەممىسى 15-18 ياشلار ئەتراپىدىكى چاچلىرىنى چۈشۈرىپ، پاك-پاكىز قىردۇرۇپ يۈرىدىغان رۇس ياشلىرىنىڭ توپىدۇر. ئىنتېرفاكىسنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ھازىر رۇسىيىدە 50 مىڭ فاشىست بار بولۇپ، ئۇلار ئون نەچچە فاشىست تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەن. بۇ تەشكىلاتلار ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن " سلاۋىيانلار ئىتتىپاقى"، "ۋەتەن"،" خەلق مىللەت پارتىيىسى"، "ئەركىنلىك" ، "رۇس مىللىي بىرلىكى" قاتارلىقلاردۇر.
چېچىنى چۈشۈرىۋەتكەن فاشىست ياشلار بىر –بىرى بىلەن خۇددى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ،" خايىل گىتلېر"، ۋە ياكى " رۇسىيىگە شەرەپ بولسۇن" دەپ ۋاقىرىشىدىكەن.
رۇسىيە فاشىستلىرىنىڭ ئىدىيىسى
رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە. رۇسىيىدىكى بۇ خىل فاشىزم ئەمەلىيەتتە رۇس شوۋىنىزىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى "رۇسىيە پەقەت رۇسلار ئۈچۈنلا" دېگەندىن ئىبارەت.
مەزكۇر يېڭى رۇس فاشىزمىنىڭ نەزىرىدە رۇسىيە تۇپرىقىدىكى بارلىق باشقا مىللەتلەر يوقۇلۇشى كېرەك. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئالدى بىلەن كاۋكازلىقلارغا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلەرگە، خىتايلارغا شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلار ۋە سىگانلارغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قاراپ، دائىم ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا تاجىكىستان مۇساپىرلىرى ئىچىدە بىر قانچە ئون ئادەم ئەنە شۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ فاشىستلار توپ-توپ بولۇشۇپ، سودا بازارلىرىغا كىرىپ، ئۇ جايلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، كاۋكازلىقلار ۋە باشقا رۇس ئەمەس كىشىلەرگە زورلۇق قىلىدىغان، خىلۋەت جايلاردا ئۇلارنى ئۇرۇپ-بۇلايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
رۇس مىللەتچىلىكى زىيالىيلار ۋە مەمۇرىلار قاتلىمىدىمۇ مەۋجۇت
رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان رۇس شوۋىنىزىمىنىڭ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلىغان. يېقىندا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى رۇسىيىدىكى يەھۇدىلارغا قارشى كەپيپىياتنىڭ ئەۋجى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، رۇس مىللەتچىلىكى يالغۇز يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىر قىسىم ئاددىي ياشلاردىلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى قاتلامدىمۇ مەۋجۇت. رۇسلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان ھەتتا ھازىرمۇ رۇسىيە تەۋەسىدە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنى "رۇسىيە ئۈچۈن دۈشمەن" دەپ قارايدىغان كەيپىياتلار كۆپەيمەكتە. يەھۇدىلارغا قارشى تۇرۇش، باشقا مىللەتلەر بولۇپمۇ، ئاسىيالىقلارنى يەكلەش رۇسىيىنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا سىڭىشكە باشلىغان.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن www.newsru.com دا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 ئاتاقلىق ئەرباپ رۇسىيە دۆلەتلىك باش تەپتىشىگە مۇراجەتنامە يېزىپ، بارلىق دىنىي بىرلىكلەر ۋە يەھۇدىلارنىڭ دىنىي بىرلىكلىرىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار خېتىدە ئاشكارا ھالدا "يەھۇدىلارنىڭ دىنىنى" ئەيىبلىگەن ئىكەن.
رۇسىيىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرى رۇسىيىدە كۈچۈيىۋاتقان بۇنداق باشقا مىللەت ۋە ئىرقنى چەتكە قېقىش ،ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈشتەك فاشىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا يول قويۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇنى قاتتىق جازالىمىغاندا رۇسىيىگە تېخىمۇ زور بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى مىللەتچىلىك ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا
- رۇسىيە مۇخبىرى، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە كىلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى
- تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى
- ئۇكرائىنىيە سايلىمى ۋە دالاي لاما رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدە كۆز قاراشلار