ئاپەتتە قالغان نامرات خەلقنى غەمدىن خالىي قىلىش قۇرۇلىشى خەلقنى غەمگە سالماقتا


2005.05.27

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2004 - يىلىدىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى نامرات دېھقانلارنىڭ بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشى ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىدى. بۇ بەش يىل ئىچىدە، نامرات يېزا -كەنتلەردە جەمئىي 185 مىڭ ئالىلىكنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلانغان. نۆۋەتتە، بەزى يېزا -ناھىيىلەردە بىر قىسىم ئۆيلەر پۈتۈپ، يەر تەۋرەشتە ئۆيسىز قالغان بەزى دېھقانلار يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان.

ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىزمەتكە مەسئۇل ئورۇنلىرىنىڭ يېقىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىچە، ھەر قايسى نامرات يېزىلاردا سېلىنىۋاتقان بۇ چىداملىق ئۆيلەرنىڭ 201 ئى ئۆلچەمسىز بولۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ باشقىدىن ياساشقا 3 مىليارد يۇئەن كېتىدىكەن.

ئۈچتۇرپاندا سېلىنىۋاتقان 80 ئۆي ئۆلچەمسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆرۈۋېتىلدى

ئاقسۇ خەۋەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە سېلىنىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيلەر دەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش جەريانىدا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ خىيانەتچىلىكى تۈپەيلى جەمئىي 80 ئۆي ئۆلچەمسىز قۇرۇلۇش بولۇپ چىققان، شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى جارۇللا ھىسامىدىن بۇ ئۆيلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەممىنى چېقىپ قايتا سېلىشقا بۇيرىغان.

بۇ يىل ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى 6.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئاپەت ئېغىر بولغان جايلاردىكى كۆپ ساندىكى ئامما ئۆيسىز قالغان، بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر كەپە ھەم چىدىرلاردا دالدىلانماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمىتى ھەم ئاقسۇ دائىرىلىرى ئۈچتۇرپاندىكى ئاپەتتە قالغان ئاممىنڭ بۇ يىل 5 - ئايغىچە بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىلاندىكى جەمئىي 11613 ئۆينىڭ ھازىرغا قەدەر پۈتكىنى ئاران 17٪ كىمۇ يەتمىگەن.

بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆلچەمسىز بولىشى قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

بىز خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان نامرات رايونلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۈچتۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز ئاپەتتە ئۆيسىز قالغان دېھقانلارغا بىخەتەر ئۆي سېلىش قۇرۇلىشىنى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى باشلىغان. ئىككىنچى ئايدا يەر تەۋرىگەندە ناھىيىمىزدە جەمئىي ئىككى مىڭ 400 دىن كۆپ ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئۆرۈلگەن. ھازىرغا قەدەر بەزىلىرى يەنە كەپىلەردە تۇرىۋاتىدۇ، ئاز بىر قىسمى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى".

مۇخبىرىمىز: بىلىشىمىزچە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بارلىق دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشىنى پىلانلىغان ئىكەنسىلەر، ھازىر ئاينىڭ ئاخىرى بولۇپ قالدى قۇرۇلۇشۇڭلار تېخى تامام بولمىدىمۇ؟

پارتكوم سېكرىتارى: بىرىنچى پىلاندىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى بۇ ئاينىڭ ئاخىرى پۈتتۇرىمىز. ھەممىنى تاماملاش مۇمكىن ئەمەس، پىلاننىڭ بىر قىسمىدىكى يەنى 163 ئائىلىلىك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرەلەيدۇ..

مۇخبىرىمىز: بۇ چىداملىق ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

پارتكوم سېكرىتارى: بىر قىسمى سىرتتىن كەلگەن شەخسى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى يەنە بەزىلىرى ناھىيىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تارماقلىرى. ھەر بىر ئۆينىڭ قۇرۇلۇشىغا دۆلەت تەخمىنەن 10 مىڭ يۇئەندىن مەبلەغ ئاجراتقان.

مۇخبىرىمىز: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىمىزچە، ناھىيىدە سېلىنىۋاتقان بۇ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ئۆلچەمسىز خەتەرلىك ئۆيلەر بولۇپ چىقىپتۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

پارتكوم سېكرىتارى: ھە، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، جارۇللا ۋالى تەكشۈرۈشكە كەپتىكەن، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆلچەمسىز چىقتى. ئۇلارنىڭ ھەممىنى بۇزۇپ، قايتىدىن ياسايمىز.. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇرۇلۇش داۋامىدا قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى كام ئىشلىتىپ سۈپەتسىز ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان. بۇ مەسئۇلىيەتنى دوگۋارغا ئاساسەن، شۇ قۇرۇلۇشنى كۆتىرە ئالغان شىركەتلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇلار ئاساسەن شەخسى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى. ھۆكۈمەت خەلقنى بىخەتەر ئۆيگە كىرگۈزىمىز دەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش ئەكسىچە، خەتەرلىك بولۇپ چىقسا بولامدۇ؟ بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئۆتكۈزىۋىلىشقا مەخسۇس كادىرلارنى ئاجراتتۇق، بىز ئۇنداق ئۆلچەمسىز ئۆيلەرنى بۇزۇپ قايتا سالىمىز.

ئاپەتتىكى نامرات خەلق بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ئۈچۈن چىقىم تارتماقتا

بىز يەنە، ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ئىماملىرىم يېزىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنى سورىدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان، بۇ يېزىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆلچەمگە توشماي قايتىدىن سېلىنىۋاتقانلىقىنى ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان نامرات دېھقانلارنىڭ يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن جىق ھەق ئېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

گەرچە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت نامرات رايونلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان بولسىمۇ، ئاممىنى غەم ئەندىشىدىن خالىي قىلىش مەقسەت قىلىنغان بۇ قۇرۇلۇش، يېزا - كەنتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن پۇل ئۈندۈرۈش، پارىخورلۇق قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپەت رايونىدىكى بەزى دېھقانلار، قۇرۇلۇش جەريانىدا پارىخورلارنىڭ، دۆلەت چۈشۈرگەن مەبلەغدىن باشقا نامرات خەلقتىمۇ مەنپەئەت ئۈندۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.